
رابىيە قادىر خانىم : خىتاي تۇنجى قېتىم مىللىي سىياسىتىدە مەسىلە بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق ئامېرىكا – خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدە مەسىلە بارلىقىنى مۇئەييەن دەرىجىدە ئېتىراپ قىلغان.
رابىيە خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ، 13 – ۋە 14 – ئاۋغۇست كۈنلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشكەن.
رابىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق دىئالوگ جەريانىدا ئامېرىكا تەرەپ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىي ۋە دىنىي باستۇرۇشلار ھەققىدە ئىسپاتلىق ماتېرىياللارنى كۆرسىتىپ، خىتاينى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان.
رابىيە خانىم مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە خىتايلار بۇنداق پىكىرلەردىن ئۆزنى قاچۇرىدۇ. لېكىن، بۇ نۆۋەت خىتاي ئۆزىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىگە ئاز – تولا ئۆزگەرتىش كىرگۈزمىسە بولمايدىغانلىقى ھەققىدە ئېغىز ئېچىپتۇ.
18 – نۆۋەتلىك ئامېرىكا – خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى كۈنمىڭ شەھىرىدە ئىككى كۈن داۋاملىشىپ 31 – ئىيۇل ئاخىرلاشقان ئىدى.
ئايكۆل دوختۇرخانا باشلىقى: ۋەقەدە 10 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يارىدار توشىدى، يارىدارلار سانى 50 دىن تۆۋەن ئەمەس
ئايكۆل يېزىلىق دوختۇرخانا باشلىقى ئايكۆل ۋەقەسى ھەققىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ۋەقەدىن كېيىن 10 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى يارىدار توشىغانلىقى، يارىدارلار سانىنىڭ 50 دىن تۆۋەن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
دوختۇرخانا باشلىقى تۇرغۇن تۇرسۇن مۇنداق دېدى: مەنچە، ماشىنا ۋە قاتناش سانىنى ھېسابلىساقلا، يارىدارلار سانى 50 دىن تۆۋەن بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدىن كېيىن ئايكۆلدىن ئاقسۇغا يارىدار توشۇش شۇ كۈنى كەچ سائەت 10 يېرىملاردىن ئەتىسى ئەتىگەن سائەت 3 يېرىمغىچە داۋاملاشقان.
خىتاي دائىرىلىرى 7 – ئاۋغۇست ئاقسۇنىڭ ئايكۆل يېزىسىدا يولسىز دىنىي چەكلىمىلەرگە نارازىلىق بىلدۈرگەن دېھقانلارغا ئوق چىقىرىپ، قانلىق ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە بىر نەچچە ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرگەن ئىدى.
دائىرىلەر ئىلگىرى ئايكۆلدىكى ۋەقەدە 3 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋە 20 نەچچە كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.
ئەنقەرەدە تۇنجى ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئېچىلدى
تۈركىيەيتەختى ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر سۇپرىسى» ناملىق تۇنجى ئۇيغۇر ئاشخانىسى ئېچىلدى.
ئاشخانىدا ئۇيغۇر تاماقلىرىنىڭ پۈتۈن تۈرلىرى بار بولۇپ، بۇ يىللىق رامزان داۋامىدا ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرلار ئىپتار زىياپەتلىرىنى بۇ ئاشخانىدا ئۆتكۈزدى.
ئەنقەرەدىكى«ئۇيغۇر سۇپرىسى» ئاشخانىسى شەھەر مەركىزىگە يېقىن جايلاشقان بولۇپ، ئاشخانا ئەنقەرەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار توپلىنىدىغان جايىغا ئايلانغان.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئاشخا خوجايىنى ياقۇپ قاراخان ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ يېمەك مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش ئۈچۈن بۇ ئاشخانىنى ئاچقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۈرۈمچىدىكى ئاقما نوپۇس بىر مىليون دىن ئاشقان
خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر نوپۇسىنى قاتتىق كونترول قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئۈرۈمچىگە كەلگەن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ سانى ھەسسىلەپ كۆپەيگەن.
«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاقما نوپۇسى بىر مىليوندىن ئاشقان.
خەۋەردە ئۈرۈمچى ج خ ئورگانلىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۈرۈمچىدىكى ئاقما نوپۇس سانى 2001 – يىلىدىكىدىن بۇ يىل 5 – ئايغا قەدەر يەنە 850 مىڭ كۆپىيىپ، 1 مىليون 105 مىڭ 431 گە يەتكەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2009 – يىل كۈزدە ئېلان قىلغان بىر قانۇن لايىھىسىدە ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان ياقايۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدە ئۆي ئىجارىگە ئېلىشىنى قىيىنلاشتۇرغان.
كېيىن مەزكۇر لايىھە قانۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان. بۇ قانۇن لايىھىسى باشقا يۇرتلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىگە كېلىشى ۋە ئۈرۈمچىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئېغىر قۇلايسىزلىقلارنى تۇغدۇرغان ئىدى.
خىتاي دائىرىلىرى 23 – ئاپرېل «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» دە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارغا ئۆلۈم جازاسى بەردى
قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ 23 – ئاپرېل مارالبېشى «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» گە چېتىشلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارغا بەرگەن جازاسى تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
بۇ يىل 4 – ئاينىڭ 23 – كۈنى قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى سېرىقبۇيا بازىرىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، 21 ئادەم ئۆلگەن. مەزكۇر ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى – سىرتىدا زور غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەھكىمە مۇسا ھەسەن، راخمان غوپۇرغا ئۆلۈم جازاسى، بەكرى ۋەلىگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بەرگەن. ئوسمان مەمەت قاتارلىق ئىككەيلەنگە 9 يىللىقتىن قاماق جازاسى بېرىلگەن.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت سوت ھۆكۈمىنىڭ ئادالەتسىز ۋە سىياسىيلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تەيۋەندە تۇرۇشلۇق خىتاي ئۆكتىچى زات لىن باۋخۇا ئەپەندى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارغا قانۇننى ئىجرا قىلىش ئەمەس، ئۇلارنى قورقۇتۇش ۋە مۇتلەق ئىتائەتكە مەجبۇرلاش، دەپ كۆرسەتتى.
ئايكۆلدىكى ۋەقەدە بىر ئائىلىدىن بىر كىشى ئۆلگەن 6 كىشى تۇتۇلغان
ئايكۆلدىكى ۋەقەدە، بىر ئائىلىنىڭ تۇغقانلىرى ئىچىدە بىر كىشى ئۆلگەن، بىر كىشىگە ئوق تەككەن 6 كىشى قامالغان.
بۇ ئائىلە ۋەقەدە ئوق تەككەن 4 ياشلىق قىز سۈبھىنۇرنىڭ ئائىلىسى. ۋەقەدە ئۇنىڭ دادىسى مەمەت ئەمەت قىزىنى دوختۇرخانىغا ئاپارغاندىن كېيىن، ئۆزى ئىككى قېرىندىشى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقدە ئۆلگەن 27 ياشلىق غوپۇر داۋۇتمۇ سۈبھىنۇرلار ئائىلىسىگە قۇدا. ۋەقەدە مەرھۇم غوپۇر داۋۇتنىڭ دادىسى ۋە ئىككى قېرىندىشى تۇتۇلغان.
ئۆز – ئارا قۇدا – باجا بولغان بۇ ئىككى ئائىلىدىن ۋەقەدە بىر كىشى ئۆلگەن ۋە بىر كىشى يارىلانغان بولۇشىغا قارىماي يەنە 6 كىشى قاماققا ئېلىنغان.
ئاشكارىلىنىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن 16 – كەنت 2 – گۇرۇپپىدىكى ياشلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇتۇپ كېتىلگەن.