
18 – نۆۋەتلىك ئامېرىكا – خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى كۈنمىڭ شەھىرىدە ئىككى كۈن داۋاملىشىپ 31 – ئىيۇل ئاخىرلاشقان ئىدى.يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ يىغىندا دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، دىنىي ئەركىنلىك، ئىپادە ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى ھەم ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى تەكىتلىنىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خەۋەرلەردە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى بۇرمىلاپ ياكى يوشۇرۇپ بىر تەرەپلىمە خەۋەر بېرىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەمراھلىرى بىلەن 13 – ۋە 14 – ئاۋغۇست كۈنلىرى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا، كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىگە قاتناشقان ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتايغا، خۇسۇسەن ئۇيغۇرلارغا دائىر قانداق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ۋە بۇنىڭغا خىتاينىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرغانلىقى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن ۋە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. ئامېرىكا – خىتاي كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىدە ئاشكارىلانمىغان، ئۇيغۇرلارغا ئائىت نۇقتىلارنى مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلايلى.