rabiye-rfa-15-yilliq-305.jpgرابىيە قادىر خانىم جان-دىلى بىلەن ئۇيغۇرلار داۋاسىنى داۋاملاشتۇرماقتا. 2011-يىلى 14-ئاپرېل.

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەلەيكۇم قېرىنداشلار، 11 ئاينىڭ سۇلتانى بولغان رامىزان ئېيى ئاخىرلىشىپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى. بىز پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنى روزا ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيمىز!

بۇ ئۇلۇغ ئايەم كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز ئارقىلىق ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارغا ھېيتلىق سالام يوللىدى.

مۇسۇلمانلار ئۇلۇغ رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇپ، دۇئا قىلىپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇ رامىزان ئېيىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقان چەكلىمىلىرى ۋە تۈرلۈك بېسىملىرى ئاستىدا ئۆتكۈزدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار بولسا رامىزان ئېيىنى بىرلىك، باراۋەرلىك ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھېيت خۇشاللىقىغا ئورتاق بولدى. مانا بۇ مۇقەددەس كۈنلەردە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىز ئارقىلىق ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوتلۇق سالام يوللىدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق رابىيە قادىر خانىمنىڭ يۈرەك سۆزلىرىدە بولسۇن.