Congressman-Frank-Wolf-305ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ (Frank Wolf) ﻓﺮﺍﻧﻚ ﯞﻭﻟﻒ، 11 – ﺋﯩﻴﯘﻥ ﭼﺎﺭﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ، ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻰ ﻛﻮﻣﭙﻴﯘﺗﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﺋﯩﻨﻔﻮﺭﻣﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﻻﻳﯩﻬﯩﺴﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ.

18‏-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئىككى كۈن داۋاملىشىپ 31‏-ئىيۇل ئاخىرلاشتى. خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىندا ئامېرىكا تەرەپكە دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك ھوقۇقى ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ئۇزرە زىيا باشچىلىق قىلدى. خىتاي تەرەپكە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا كېڭەش ۋە تەشكىلاتلارغا مەسئۇل ئەمەلدارى ئىلى جۈنخۇا يېتەكچىلىك قىلدى. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاخبارات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىش مەسىلىسىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كۈنمىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى چوڭقۇر مۇزاكىرە ۋە دوستانە كەيپىيات ئىچىدە ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جېين پساكىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يىغىندا قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، دىنىي ئەركىنلىك، ئىپادە ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى ھەم باشقا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى، خۇسۇسەن، ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلىدىغان كونكرېت كىشىلىك ھوقۇق دېلولىرىنى مۇزاكىرە قىلغان. جېين پساكى، كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى كونكرېت دېلولارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەردە كۈچلۈك سىگنال بېرىشنىڭ پۇرسىتى. خۇسۇسەن، بىز يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلاردا داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ پۇرسىتى، دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ، دىئالوگتا قانداق كونكرېت كىشىلىك ھوقۇق دېلولىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ۋە دىئالوگنىڭ قانداق ئەمەلىي ئىلگىرىلەشكە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا يول قويۇپ، يۇقىرىقى نازۇك مەسىلىلەردە ئەمەلىي قەدەم بېسىشى گۇمانلىق. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاخبارات ئەركىنلىكى پائالىيەتچىسى ئىلى خۇڭكۇەن ئەپەندى، خىتاينىڭ خەلقئارا جامائەتنى ئالداش ئۈچۈنلا دىئالوگ ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ سۆھبەت ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ: مەن سۆھبەتكە ئۈمىدۋار قارىمايمەن. مەن سۆھبەتنى قوللىساممۇ، بىراق سۆھبەتنىڭ مەزمۇنى ۋە ئۇسۇلى بولىدۇ. ھازىرقى سۆھبەت ئۇسۇلى جۇڭگونىڭ خەلقئارا جامائەت پىكرىنى ۋە جۇڭگو پۇقرالىرىنى ئالدايدىغان ۋاسىتىسىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇنىڭ جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىنى ئالغا سۈرۈشكە ئەمەلىي پايدىسى يوق. ئامېرىكا چوقۇم دىئالوگ شەكىلگە ئايلىنىپ قېلىشتەك بۇ ئەھۋالنى ئۆزگەرتىپ، چوقۇم ئەمەلىي ئۈنۈمنى قوغلىشىشى زۆرۈر. سۆھبەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى جۇڭگو پۇقرالىرىغا بىلدۈرۈشى، سۆھبەت مەزمۇنى ۋە جەريانىنى تېلېۋىزور قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق جۇڭگو پۇقرالىرى بىلەن ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلىشىش كېرەك.

ھازىرقى ئەھۋالدا قانداق مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقىنى پۇقرالار بىلمەيدۇ. ئۇلار پەقەت شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق جۇڭگو ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلغان بىر تەرەپلىمىلىك خەۋەرلەرنىلا كۆرىدۇ. بۇ خەۋەرلەردە ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزى بۇرمىلىنىپ، پۇقرالار قايمۇقتۇرۇلىدۇ. شۇڭا ئامېرىكا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانىغا يىتەلمەي كەلدى، دەپ كۆرسەتتى.

ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى باشلانغان كۈنى، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى فرانك ۋولف دۆلەت مەجلىسىدە سۆز قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى ئۆتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي پۇقرالىرىنىڭ دىنىي ۋە پىكىر ئوخشىماسلىق قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، تورنىڭ كونترول قىلىنىپ، پىكىر ئەركىنلىكى چەكلىنىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئەركىن يىغىلىش ئۆتكۈزەلمەيدۇ. ئۇلار مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇش ۋە جازالاش ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قالدى. مەن بۇرۇن ئىزچىل سېكرېتار كلىنتوننىڭ ھېچقانداق باھان‏-سەۋەب كۆرسەتمەي، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر بىلەن كۆرۈشۈشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن. ئۇ 2005‏-يىلى ئامېرىكىغا كېلىشتىن بۇرۇن، ئىككى يىل بېسىقتا بولۇپ 5 يىل تۈرمە ئازابىنى چەكتى. ئۇ ئاۋانگارت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە بىر ئانا. ئۇنىڭ پائالىيىتى سەۋەبلىك ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە پاراكەندىچىلىك سېلىندى ۋە ناھەق تۈرمىگە تاشلاندى، دېگەن.

ئۇ ئوباما ھۆكۈمىتىگە خىتاب قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ كۈنتەرتىپىدىكى نۇقتىلىق مەسىلە قاتارىدا كۆرۈشكە ئۈندىگەن.

ئىلى خۇڭكۈەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدا چوقۇم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاخبارات ئەركىنلىك مەسىلىسىنى مۇزاكىرىگە قويۇشى كېرەك. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاخبارات كونتروللۇقى سەۋەبلىك ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن يېقىنقى ۋەقەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى ئايدىڭلاشمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭچە، جۇڭگو ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى پوزىتسىيىسىدە ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك تەرەپلەر بار. مەسىلەن، قەيەردە توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئىسيانچىلار ساقچى پونكىتى ياكى ج خ ئىدارىسىگە ھۇجۇم قىلسا، بۇنى چەتئەلدىكى 3 ‏-بىر تەرەپنىڭ ئېنىقلاش ئىمكانىيىتى يوق. جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. بۇنداق ۋەقە يۈز بەرسە، ئۇ ئالدى بىلەن ئالاقىنى ئۈزۈپ تاشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى بىر خىل خەۋەر تارقاتسا، ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان خەۋەرلەرنى تارقىتىدۇ. نەتىجىدە، تاشقى دۇنيا كىمگە ئىشىنىشنى بىلەلمەي قالىدۇ. بىراق، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرى بىر-بىرىگە زىت. شۇڭا ئۇنىڭ ئۇچۇرى ئىشەنچلىك ئەمەس، بەلكى يالغان. بۇنداق ئەھۋالدا يالغان ئۇچۇر بىلەن شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

شىنجاڭ مەسىلىسىنى پەقەت دېموكراتىيە، ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە ئوچۇق-ئاشكارا بولغاندا ھەل قىلغىلى بولىدۇ. ئىككى تەرەپ مەسىلىنى ئوچۇق-ئاشكارا مۇزاكىرە قىلغاندا ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىدۇ. ئالداش، يوشۇرۇش، قانلىق باستۇرۇش بىلەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. بۇ، مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

لېكىن، ئوباما ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر دەرىجىلىك يىغىنلاردا كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنى ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى. بۇ يىل 10 ‏-ئىيۇل ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيە-ئىقتىساد دىئالوگىدا، ئامېرىكا تەرەپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇنى مۇخبىرلار يىغىنىدا تەكىتلىگەن ئىدى. جېين پساكى چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىنى چۈشەندۈرۈپ، بىز بۇ قېتىمقى سۆھبەت دىئالوگنىڭ ئىزچىل داۋامى ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشىنىمىز ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دەپ قارايمىز. چۈنكى كىشىلىك ھوقۇق بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىزدىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل، دەپ كۆرسەتتى.