
تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرىنى تەكشۈرۈش كومىتېتى مۇدىرى ئايخان سەفەر ئۈستۈن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 26 – ئىيۇن كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ لۈكچۈن بازىرىدا ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىقنى ئەيىبلەپ: «خىتاي، ھەممە ئادەم قورقۇنچ ھېس قىلىدىغان دۆلەت ئەمەس، پۈتۈن دۈنيانىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بىر دۆلەت بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك» دېدى.
11 – ئىيۇل كۈنى چۈشتىن كېيىن تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مۇدىرى ئايخان سەفەر ئۈستۈن ئەپەندى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى مۇساپىرلار كومىتېتى مۇدىرى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھەيئەتنى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.
خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى ئالدى بىلەن د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، 26 – ئىيۇن كۈنى لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ يەنە تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ھەيئەت ئەۋەتىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. د ئۇ ق تەييارلىغان 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئىز – دىرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەنلەر توغرىسىدىكى دوكلات بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تەلەپلىرى توغرىسىدىكى دوكلاتنى سۇندى.
كېيىن تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مۇدىرى ئايخان سەفەر ئۈستۈن ئەپەندى سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى:
– تارىختا شەرقىي تۈركىستاندا كۆپ قېتىم مىللىي دۆلەتلەر قۇرۇلغان. 18 – ئەسىردىن بېرى كۆپ قېتىم تاجاۋۇزغا ئۇچرىغان شەرقىي تۈركىستاندا مەزكۇر دۆلەتلەر مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرالمىغان. خىتايلار 1955 – يىلى ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بەرگەن بولسىمۇ، ئەپسۇسكى بۇنىمۇ ئەمەلىيلەشتۇرمىگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇ رايونغا خىتاي كۆچمەنلەرنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىشقا تىرىشقان. ئەپسۇسكى، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ نوپۇسى 50 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتكەن.
ئايخان سەفەر ئۈستۈن ئەپەندى خىتاينىڭ ئادەملەرگە قورقۇنچ بېرىدىغان دۆلەت ئەمەس، خەلقئارادا ئابرويغا سازاۋەر دۆلەت بولۇشقا تىرىشىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
– شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش ئۈچۈن، تىل، دىن، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ئوخشاش جەھەتلەردە بېسىم ئىشلەتمەكتە. شەرقىي تۈركىستاندا مەيدانغا كېلىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ ئاساسىي سەۋەبىنى بۇلاردىن ئىزدەش كېرەك. خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتى تۈپەيلىدىن شەرقىي تۈركىستاندا سانسىز ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى مەيدانغا كەلمەكتە. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى قورقۇنچ دۆلەت ئەمەس، دۈنيادا ئابرويغا سازاۋەر دۆلەت بولۇشقا تىرىشىشى كېرەك.
ئايخان سەفەر ئۈستۈن ئەپەندى ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلغاندا، ئاناتولىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى بىلەن تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى ت ر ت سىنئالغۇغا ئېلىپ ئاقشام خەۋەرلىرىدە خەۋەر قىلىپ تارقاتتى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى بۇندىن كېيىن مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.