
قاراقاش ناھىيىسىدە 7 نەپەر خىتاي ئىشچى ئۆلتۈرۈلدى
قاراقاش ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن 7 نەپەر خىتاي ئىشچىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتى ئاشكارىلاندى.
يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خوتەننىڭ خانئېرىق يېزىسىدىن بولغان 7 نەپەر پىدائىي، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى سەھەردە قاراقاش دەرياسى توسما قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 5 نەپىرىنى نەق مەيداندا ئۆلتۈرگەن ۋە 4 نەپىرىنى يارىلاندۇرغان؛ يارىدارلاردىن 2 نەپىرى دوختۇرخانىدا ئۆلگەن.
ئۇيغۇر رايونلۇق ج خ نازارىتى يېقىندا 11 نەپەر ئۇيغۇر ياش ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇلاردىن يۈسۈپ ئەخمەت قادىر، مەمتىلى تۇرسۇننىيازنىڭ قاراقاش دەرياسى «توسما ۋەقەسى» گە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان.
تۇرپاندا ئاي يۇلتۇزلۇق مايكا سېتىش قانۇنسىز
تۇرپان دائىرىلىرى 7-ئىيۇل ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 3 خىل قانۇنسىز قىلمىش ھەققىدە يىپ ئۇچى بەرگەنلەرگە مۇكاپات بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
دائىرىلەر، ئاي يۇلتۇزلۇق كىيىملەرنى تىكىش ۋە سېتىش، غازات تېمىسىدىكى ماتېرىياللارنى تارقىتىش، رۇخسەتسىز ئورۇنلاردا ناماز ئوقۇش، دىنىي تۈسى قويۇق كىيىملەرنى تىكىش ۋە سېتىشنى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت «3 خىل قانۇنسىز قىلمىش» دەپ كۆرسەتكەن. بۇ خىل قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنى پاش قىلغۇچىغا 500 سومدىن 10 مىڭ سومغا قەدەر مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت «بۇنىڭ ئۆزىلا، شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ مىللىي، سىياسىي، دىنىي مەسىلە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ» دېدى.
ئوباما ئۇيغۇرچە رامزان تەبرىك سۆزى ئېلان قىلدى
پرېزىدېنت ئوبامانىڭ رامىزانلىق تەبرىك سۆزى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ئامېرىكىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىندى.
ئوباما تەبرىك سۆزىدە: رامزان ئېيى شۇنداقلا بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئەركىنلىك، غۇرۇر ۋە پۇرسەت، پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ھېچكىم تارتىپ ئالالمايدىغان ھوقۇقى. تەبرىك سۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزانلىق پائالىيەتلەر قاتتىق چەكلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور ئىنكاس قوزغىدى.
بەزى ئىنكاسلاردا بۇ، ئۇيغۇر خەلقىگە بېرىلىۋاتقان بىر رىغبەت دەپ كۆرسىتىلسە، يەنە بەزى ئىنكاسلاردا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر خىل ھەق-ھوقۇقلىرىنى چەكلەۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال، دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر ئىلىدىكى ۋەقەلەردە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار
ئۇيغۇر رەھبىرى قادىر خانىم، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن قارشىلىق ۋە قان تۆكۈلۈشلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كارخانا، شىركەتلىرىنىڭ ئېغىر مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىگە كىرگەن خىتاي دۆلەت كارخانىلىرى ئەمەلىيەتتە ھەربىي كارخانىلار بولۇپ، ئۇلار چىقىپ كەتمەي تۇرۇپ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق بولمايدۇ. رابىيە قادىر خانىم بۇ سۆزلەرنى خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنېتىنىڭ 10-ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان مەخسۇس يىغىنى ھەققىدە توختالغاندا قىلدى.
خىتاي دۆلەت كابىنېتىنىڭ يىغىندا، ئۇيغۇر ئىلىدىكى خىتاي كارخانا ۋە شىركەت مەسئۇللىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى توغرا تونۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا شەرتسىز ماسلىشىشىنى، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى بىرگە كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان.
ھىجاپلىق ئاياللارنى چەكلەش قارىمايغا كېڭەيدى
قارىماي شەھەرلىك مۇقىملىقنى قوغداش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھىجاپلىق ئاياللار ۋە ساقال قويغان ئەرلەرنى بارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردىن چەكلىگەن.
ئۇقتۇرۇشتا، ھىجاپلىق، لېچەك ئارتقان ئاياللار، ساقال قويغان ئەرلەرنىڭ ھەرقانداق ئىدارە-ئورگانغا، تىجارەت ئورنى ۋە ھەرقانداق ئاممىۋى سورۇنغا كىرىشى قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قارشىلىق قىلغانلارنى دەرھال ج خ ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
بۇ تەدبىر ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى چاقىرىق ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىگە قارىتىلغان زوراۋانلىقنى دەرھال توختىتىشقا چاقىرغان مەزگىلدە چىقىرىلغان.
ئۇيغۇر مەسىلىسى ياۋروپا پارلامېنتىدا
10-ئىيۇل، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇيغۇرلار ھەققىدە سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلدى. سۆھبەت يىغىنى 11-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدىغان 33-نۆۋەتلىك خىتاي-ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىدىن بىر كۈن بۇرۇن ئېچىلدى.
سۆھبەت يىغىنىغا د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ئىشلىرىغا مەسئۇل ۋەكىلى ئەسقەر جان، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر قاتناشقان. ئۇلار يەنە ئالاقىدار ئەمەلدارلار بىلەن ئۇچرىشىپ پىكىر ئالماشتۇرغان.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى ئەمەلدارلار، شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرگە ناھايىتى ئەندىشە بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، بۇ قېتىمقى دىئالوگتا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.