5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقىنى خاتىرىلەش شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش ۋە تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش مەقسىتى بىلەن ئەنقەرەنىڭ شەھەر مەركىزىگە جايلاشقان ئابدى ئىپەكچى باغچىسىدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك» نامىدا چوڭ بىر يىغىلىش ئۆتكۈزۈلدى. تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭ دەل مەركىزىگە جايلاشقان باغچىدا جەم بولغان 1000 ئەتراپىدا ئىنساننىڭ خىتايغا قارشى توۋلىغان شوئار سادالىرى ئەنقەرە شەھىرىنى لەرزىگە كەلتۈردى. شەنبە كۈنى كەچتە باغچىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتكە تۈركىيە بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى رەھبەرلىرى، تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى ئەزالىرى، قېرىنداش تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى بىلەن بىللە تۈركىيەنىڭ قەيسەرى ۋىلايىتىدىن كەلگەن 7 ياشتىن 70 ياشقىچە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ 1000 ئەتراپىدا كىشى ئىشتىراك قىلدى.
بۇ قېتىملىق يىغىلىشنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بىلەن تۈرك ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىللە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ يىغىلىشتا بۈيۈك بىرلىك پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسى مېتىن گۈندوغدۇ ئەپەندى، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە كادىرلار ئۇيۇشمىسى باشلىقى ئىسمائىل قونجۇق ئەپەندى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى سۆز قىلدى. سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى نەق مەيداندىن رابىيە قادىر خانىمغا تېلېفون قىلىپ رابىيە خانىمنىڭ نۇتقىنى تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ بەردى. يىغىلىشتا سۆز قىلغانلار ھەممە بىردەك خىتاينى ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىشكە، بېسىم سىياسىتىگە خاتىمە بېرىشكە ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا چاقىردى. ئۇلار نۇتۇق سۆزلەۋاتقاندا، قوللىرىدا تۈركىيە بايرىقى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان كىشىلەر «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «زالىم خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىن يوقال»، «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئۇنتۇمايلى »، «شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك»، «خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن»، «ئۇيغۇرلار يالغۇز ئەمەس»، «شەرقىي تۈركىستان خىتايلارغا مازار بولىدۇ» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشتى.
تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىكى پائالىيەتلەر 29-ئىيۇن كۈنى لۈكچۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ غايىبانە نامىزىنى چۈشۈرۈش بىلەن باشلىنىپ 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 يىللىقىنى خاتىرىلەش، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلەش، تۈرك ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش، خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىغا قارا گۈلچەمبىرەك قويۇش، مەتبۇئات باياناتى ۋە نامايىش قىلىشلار بىلەن داۋاملاشتى ھەمدە شەنبە كۈنىدىكى چوڭ يىغىلىش پائالىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى.