pichan-lukchun-weqesi-saqchi-pidaiy.jpgپىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتىن بىر كۆرۈنۈش. 2013-يىلى 26-ئىيۇن.

26 – ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى يوشۇرۇپ، ۋەقە ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمەسلىكى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قاتارلىق چەتەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا لۈكچۈن ۋەقەسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبىنى ئاشكارىلاشنى، خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ لۈكچۈنگە بېرىپ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلارنىڭ سانى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە دېيىلگىنىدىن كۆپلۈكىنى ئېنىقلىدى.

تۈنۈگۈندىن بۇيانقى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا 26 – ئىيۇن سەھەر لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ئوت قويۇپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرلەر باش بەتتىن ئورۇن ئالدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە باياناتچى دىلشات رىشىت ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، خەلقئارا مەتباتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ،خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ لۈكچۈنگە بېرىپ ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ۋە ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 26 – ئىيۇن چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن بايانات بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ 26 – ئىيۇن لۈكچۈن ۋەقەسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. باياناتچى سۆزىدە ئامېرىكىنىڭ «شۇ جايدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇچراۋاتقان كەمسىتىش ۋە ھەر خىل چەكلىمىلەر ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى»نى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ۋەقەدە ئوچۇق – يورۇق بولۇش، ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش» قا چاقىردى.

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرى لۈكچۈن ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە توختالمىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋەقەدە ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار ھەققىدە 26 – ئىيۇندىكى ئېنگىلىزچە خەۋىرى ۋە 27 – ئىيۇن كۈنىدىكى خىتايچە خەۋىرىدە ئوخشىمىغان مەلۇماتلارنى بەردى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26 – ئىيۇن كۈنىدىكى ئېنگىلىزچە خەۋىرىدە ۋەقەدە 27 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ھۆكۈمەت ساقچىلىرى ۋە پۇقرالاردىن 17 ئادەمنىڭ، ھۇجۇمچىلاردىن 10 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى،3 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى، 3 كىشىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئەمما خىتايدىكى باشقا ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ۋەقە ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى. خىتايدىكى ئاممىۋى تور تور بېكەتلىرىدىن 163 تور بېكىتى، سىننا قاتارلىقلاردا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئېنگىزچە خەۋىرى تەرجىمە قىلىنىپ ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىڭ رەسىمى بىلەن قوشۇلۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىرنەچچە سائەتتىن كېيىنلا بۇ خەۋەرلەرنىڭ ئۆچۈرۈۋېتىلىشى خىتاي تورداشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى 27 – ئىيۇن كۈنىگە كەلگەندە ئاندىن تۇنجى قېتىم لۈكچۈن ۋەقەسى ھەققىدە خىتاي تىلىدا خەۋەر بېرىپ، ۋەقەدە ئۆلگەنلەر سانىنى 26 – ئىيۇندىكى ئېنگىلىزچە خەۋەردىكى 27 ئادەمدىن پەرقلىق ھالدا 35 ئادەم دەپ ئېلان قىلدى. خەۋەردە «26 – ئىيۇن سەھەر سائەت 5 تىن 50 ئۆتكەندە تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيىسى لۈكچۈن بازىرىدا زوراۋانلىق تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى. ۋەقەدە 24 ئادەم زىيانكەشلىككە ئۇچراپ ئۆلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار 16 نەپەر. 24 ئادەمنىڭ ئىچىدە 2 نەپەر جامائەت خەۋپسىزلىك ساقچىسى بار. ئۇندىن باشقا 21 نەپەر ساقچى ۋە پۇقرا يارىلاندى. ج خ ساقچىلىرى نەق مەيداندا 11 نەپەر زوراۋانىنى ئېتىپ ئولتۇردى ۋە يارىلاندۇردى. زوراۋاندىن 4 نەپىرى قولغا چۈشتى» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

ئەمما، رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى بۈگۈن لۈكچۈندىن ئىگىلىگەن ئەھۋال خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن پەرقلىق بولدى. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغۇچىلار لۈكچۈندە يۈز بەرگەن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋە ئوت قويۇش ۋەقەسىدە ئۆلگۈچىلەرنىڭ 45 كىشىدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلگەنلەرنى يەرلىككە قويۇشقا قاتناشقان لۈكچۈنلۈك ئىمامنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن دەپنە قىلىنغانلار ئىچىدە ۋەقەدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ھۇجۇمچىلارنىڭ جەسىتى يوق بولۇپ، ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۆلگەنلەر ئۈچۈنلا 35 ئادەمگە كېپەنلىك سېتىۋېلىنغان. بۇ كىشى يەنە ئۆلگۈچىلەر ئىچىدە خىتايلاردىنمۇ 7 – 8 كىشىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ئۇلارنىڭ دەپن ئىشىغا ئۆزىنىڭ قاتناشمىغانلىقىنى بايان قىلغان.

نۆۋەتتە غەرب دۆلەتلىرىدىكى داڭلىق مەتبۇئاتلارنىڭ لۈكچۈندە يۈز بەرگەن 26 – ئىيۇن ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە بەرگەن خەۋەرلىرىدە، ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەندى.خەۋەرلەردە رايوندا بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقان ھەر خىل دىنىي چەكلىمىلەر ۋە باستۇرۇشلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ غەزىپىنى قوزغىغانلىقى بايان قىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى نىسپەتەن تىنچ دەپ قارايدىغان شەرقىي ئۇيغۇر رايونىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتى يۈز بەرگەنلىكى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەڭگۈ تىنچىماس بىر زېمىن ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقى، بۇندىن كېيىنمۇ بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشى مۇمكىنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئەنگىلىيە ئىقتىسات گېزىتى«خىتايدىكى يۇقىرى بېسىملىق سىياسەت ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقىنىڭ ئاساسى سەۋەبى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى؛ ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە «تۇرپاندا يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر قانلىق ۋەقە يۈز بەردى، ساقچىلار قارشىلىق قىلغان ئاممىغا قارىتىپ ئوق ئاتتى» دېگەن بايانلار بېرىلدى؛ گېرمانىيە ئاۋازى بولسا «توختىتالمىغان قارشىلىق – شىنجاڭدا يەنە ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى»دەپ خەۋەر بەردى.