
2009 – يىلى كورىيىدە ئېچىلماقچى بولغان بىر خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا تەكلىپكە بىنائەن يولغا چىقىدۇ. ئەمما سېئۇل خەلقئارا ئايرودرومىدا ئويلىمىغان ۋەقە يۈز بېرىدۇ. ئايالى بىلەن بىللە ئايروپىلاندىن چۈشۈپ پاسپورت كونترولدىن ئۆتىدىغان چاغدا دولقۇن كورىيە چېگرا خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ.
ئىلگىرى بۇنداق ۋەقەلەرگە كۆپ ئۇچرىغاچقا دولقۇن دەسلەپ ئانچە پەرۋا قىلمايدۇ ھەمدە بىرقانچە سائەتتە بۇ ئىش ھەل بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايدۇ. ئەمما بۇ قېتىم ئەھۋال ئۇنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۇنداق ئاسان بولمايدۇ. ئايالى ماھىرە پاسپورت كونترولدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ، لېكىن دولقۇن كورىيە چېگرا خادىملىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدۇ. بۇ ۋەقە ئۇزاق ئۆتمەيلا خەلقئارا مەتبۇئاتقا ئاشكارىلىنىپ، كورىيە، گېرمانىيە، ئامېرىكا ھەمدە خىتاي قاتارلىق كۆپ تەرەپلەر ئارىسىدىكى تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، دولقۇن ئەيسا سېئۇل ئايرودرومىدا 3 كۈندىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى قىل ئۈستىدە قالىدۇ. خىتايغا قايتۇرۇلۇشتىن ئىبارەت خەتەرلىك بىر رېئاللىق ئۇنىڭغا بارغانسېرى يېقىنلاپ كېلىدۇ. بۇ جەرياندا گېرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرى بىلەن خىتاي تەرەپ ئوتتۇرىسىدا دىپلوماتىك كۈچ سىنىشىش داۋاملىشىدۇ. كورىيە تەرەپ دولقۇننى سېئۇل ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرغان 3 – 4 كۈن ئىچىدە ئادالەت بىلەن مەنپەئەت ئوتتۇرىسىدا تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ بېسىمى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى رەزىل كوزىرلىرىنى، يەنە بىر تەرەپتىن گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب ئەللىرىنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرى پرىنسىپلىرى ئارىلىقىدا كورىيە تېڭىرقايدۇ. 70 نەچچە سائەتكە سوزۇلغان بۇ مۇرەككەپ جەرياندا ئاخىرى دولقۇن دۇبەي ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا گېرمانىيىگە قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ.
بۇ جەرياندىكى ئىچكى ئەھۋاللاردىن خەۋەردار بولۇشنى خالىسىڭىز، دولقۇن ئەيسانىڭ ئۆز ئەسلىمىسىگە ۋە ئاغزاكى بايانلىرىغا قۇلاق سالغايسىز.