Memet-Toxti-ependi-305د ئۇ ق نىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، سىياسىي كۆزەتكۈچى مەمەت توختى ئەپەندى.

ب د ت پۈتۈن دۇنيا كىشىلىرىنى مۇساپىرلار كۈنىنى خاتىرىلەشكە چاقىرغان بىت پەيتتە، د ئۇ ق بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى باشقا دۆلەتلەر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا، ب د ت نى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاشقا چاقىردى.

ب د ت 2000 – يىلى قارار ماقۇللاپ، ھەر يىلى 20 – ئىيۇننى دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى.

د ئۇ ق باياناتىدا، دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى خەلقئارا جەمئىيەتنى كامبودژا، مالايشىيا، قازاقىستان قاتارلىق ئەللەر خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ، ئىز دېرىكى يوقاپ كەتكەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە ۋە ئۇلارنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلىشقا چاقىردى. ھەر يىلى خىتايغا قانۇنسىز قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى ئەسلەش مۇھىم بولۇپلا قالماي، خىتاينىڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى ئاستىدا قېچىشتىن باشقا ئامال تاپالمىغان ئۇيغۇرلارنىڭ چارىسىزلىق ھالى ۋە خىتايغا مەجبۇرى قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاقىۋىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.

د ئۇ ق نىڭ كۆرسىتىشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە قازاقىستان، كامبودژا، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا نى قانۇنسىز ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى، قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر بەرمەيلا قالماي، ب د ت نىڭ غايىبلارنى سۈرۈشتۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن.

ئەرشىدىن ئىسرائىل 2009 – يىلى 9 – ئايدا قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ، ب د ت نىڭ قازاقىستاندا تۇرۇشلۇق مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق سورىغان. ب د ت دەسلەپتە ئۇنىڭ پاناھلىق ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بىراق كېيىنرەك بۇ قارارىدىن يېنىۋالغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئەرشىدىن ئىسرائىل ھەققىدە ساختا ماتېرىيال تەييارلاپ، ب د ت نى ئۇنىڭ تېررورچى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈپ كەتكەن. قازاقىستان ئەرشىدىن ئىسرائىلنى 2011 – يىلى 30 – ماي كۈنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن بۇيان، ئۇنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق ئىز دېرىكى يوق.

د ئۇ ق نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كامبودژا 2009 – يىلى 12 – ئايدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن 20 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىردىن 3 كىشى قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق قالغان 17 كىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ياكى ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن.

د ئۇ ق باياناتىدا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ تەن جازاسى ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە ئەمەلدارى مانفرېد نوۋاكنىڭ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كامبودژانىڭ ب د ت تەن جازاسىنى چەكلەش ئەھدىنامىسىنىڭ 3 – ماددىسىدىكى پرىنسىپلارغا ئوچۇق – ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق مۇستەقىل پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى، ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ سەۋەنلىكى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسىدىكى ئىپادىسىنى تەنقىد قىلدى.

20 – ئىيۇن دۇنيا مۇساپىرلار كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر، ئۇچتۇرپان، تۇرپان قاتارلىق جايلىرىدا سوت ئېچىلىپ، 19 كىشى مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش، قانۇنسىز ئۇچۇر ساقلاش، تارقىتىش، دېگەن ئەيىبلەشلەر بىلەن قاماق جازاسى ۋە مەمۇرى تۇتۇپ تۇرۇش جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

تۇرپاندا قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان پەتتار لېتىپ، ساتتار لېتىپ قاتارلىق 3 كىشى، بۇ يىل 2 – ئايدا قەشقەر ئارقىلىق چەتئەلگە قاچقان. لېكىن، چېگرادا خىتاي چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىغا تۇتۇلۇپ قالغان.

خەۋەرلەردە ئۇلارنىڭ قايسى ئەلگە قاچقانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق تۇرپان ئوتتۇرا سوتى ئۇلارنى 7 يىلدىن 11 يىلغا قەدەر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

د ئۇ ق باياناتىدا يەنە، خىتاينىڭ يەر شارى ئىقتىساد كرىزىسىدىن داۋاملىق پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، لېكىن جەمئىيەت ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئادا قىلىپ، قايتۇرۇپ بېرىلسە جازالىنىش، تەن جازاسى ۋە ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇش خەۋپى بار، دەپ قارالغان مۇساپىرلارنى قوغدىشى كېرەكلىكى، چۈنكى د ئۇ ق دائىم باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قانۇنسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىشىگە، تەن جازاسىغا ئۇچرىشىغا، ئاساسى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە خىلاپ رەھىمسىز ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچرىغانلىقىغا شاھىت بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى قازاقىستان قاتارلىق خىتايغا قوشنا ئەللەرگە قېچىپ چىقىپ، پاناھلىق تىلىگەندە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك.

د ئۇ ق نىڭ باياناتىدا مەزكۇر ئورگاننىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىپ: ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى بارغانسېرى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا، خۇسۇسەن تەن جازاسى، ئىز دېرەكسىز يوقاپ كېتىش، تۇتقۇن قىلىنىش ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. خەلقئارا جەمئىيەت نىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىدىن قوغداشقا كاپالەتلىك قىلىشى زۆرۈر، دەپ كۆرسەتكەن.

رابىيە قادىر خانىم يەنە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەر خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۆتكەن بىر نەچچە يىل ئىچىدە ئىككى خىتاي جاسۇسىنىڭ شۋېتسىيىدە قولغا ئېلىنغانلىقى، ميۇنخېندىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئاكتىپ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

گوللاندىيىدە ئىككى ئۇيغۇر تەرجىمان خىتاي دائىرىلىرىگە ئۇيغۇر سىياسىي پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يوللاپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ئەھۋالغا دىققەت قىلىشى زۆرۈر، دېگەن.