shwetsiye-uyghur-komiteti-qurulush-2.jpgشىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى. 2013-يىل 15-ئىيۇن، سىتوكھولم

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ستوكھولمدا ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ چوڭ يىغىلىشى شىمالىي ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ھايات مۇساپىسى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش پۇرسىتى بەردى. رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ خۇلاسە خاراكتېرلىك سۆز قىلدى.

يىغىلىشنىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى مۇھاكىمە يىغىنىدا شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى تەشكىلاتلىشىش مۇساپىسى ۋە بۇ جەرياندىكى تەجرىبە-ساۋاقلار ھەققىدە ئەركىن بەس-مۇنازىرە قانات يايدۇرۇلدى. يىغىن رىياسەتچىسى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت ئەپەندى شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئۆتكەن 10 يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتى ۋە تەشكىلاتلىشىش ئەھۋالى ھەققىدە دوكلات بېرىپ ئۆتتى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن رابىيە خانىم باشلىق يىغىن ۋەكىللىرى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكلىپى بويىچە شىۋېتسىيەدىكى ئىككى جەمئىيەتنىڭ بىرلەشمە مۇھاكىمە يىغىنى ئېلىپ باردى. ئۇيغۇر مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇللىرى ئۆزلىرىنىڭ بىرقانچە يىللىق خىزمەتلىرىنى تونۇشتۇردى. كۆپچىلىك بىردەك مىللەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە مىللىي دەۋانىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەمكارلىقنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. ئەركىن سۆھبەت شەكلىدىكى دىئالوگ قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋاملاشتى.

يىغىلىشنىڭ ئاخىرقى كۈنتەرتىپى بويىچە كۆپچىلىك ستوكھولمنىڭ گۈزەل مەنزىرە رايونىغا يىغىلىپ كاۋاپ پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. دالا پائالىيىتى جەريانىدا ئەركىن مۇھاكىمە داۋاملاشتى. شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق ئىككى كۈنلۈك يىغىلىشتىن ئالغان تەسىراتلىرىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى.

دالا پائالىيىتى «دىيار» ئانسامبىلىنىڭ مۇڭلۇق ناخشا-مۇزىكىلىرى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.