shwetsiye-uyghur-komiteti-qurulush-1.jpgشىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى. 2013-يىل 15-ئىيۇن، سىتوكھولم

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى كۈندىن بۇيان ستوكھولمغا جەم بولغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىر قاتار ئىلمىي، مەدەنىي پائالىيەتلەرنى ھەمدە قاينام-تاشقىنلىق كوللېكتىپ يىغىلىش مۇراسىملىرىنى ئۆتكۈزدى.

15-ئىيۇن ئەتىگەندە رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەھبەرلىرى ھەمدە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋەكىللىرى ستوكھولمدىن 100 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئېسكىلىستۇنا شەھىرىگە بېرىپ، مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ قەبرىسىنى يوقلىدى. قۇرئان تىلاۋىتىدىن كېيىن رابىيە خانىم مەرھۇم كۈرەش كۈسەننىڭ قەبرە بېشىدا دۇئا قىلدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە ستوكھولمنىڭ رېنكېبۈ رايونىدىكى پائالىيەت مەركىزىدە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى داغدۇغىلىق باشلاندى. پائالىيەتكە شىۋېتسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن يىغىلغان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى، ھەرقايسى دۆلەتلەردىن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار، شىۋېتسىيە دۆلەتلىك رادىئو-تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى بولۇپ 300 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنتەرتىپىدە ئالدى بىلەن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتى ھەمدە شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ 10 يىللىق پائالىيەتلىرى ئەسلەپ ئۆتۈلدى. ئاندىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم سەھنىگە تەكلىپ قىلىندى. رابىيە خانىم قىزغىن كەيپىياتقا چۆمگەن جامائەتچىلىككە تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلىدى.

رابىيە خانىم سۆزىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى ئون نەچچە يىللىق ھاياتى ھەمدە ۋەتەن ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەش تارىخىغا قاراپ چىقتى. قولغا كەلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر بىلەن تەجرىبە-ساۋاقلارنى ئوتتۇرىغا قويدى شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە كەمچىلىكلەر ۋە يېتىشسىزلىكلەرنىمۇ تەكىتلەپ ئۆتتى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنى بىرلىككە، ئىتتىپاقلىققا ۋە ھەمكارلىققا چاقىردى.

يىغىلىشنىڭ ئاخىرىدا قازاقىستاندىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان «دىيار» ئانسامبىلى ئۆزىنىڭ ۋەتەن تېمىسىدىكى مول مەزمۇنلۇق مىللىي سەنئەت نومۇرلىرى بىلەن جامائەتچىلىكنىڭ يۈرەك-تارلىرىنى چەكتى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.