
شۇنىڭ كېيىن گېرمانىيە ساقچى تەرەپ ئۇنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر چېگراسىدىن سىرتقا چىقماسلىقنى، ئەگەر ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىدە بىرەر كېلىشمەسلىككە ئۇچرىسا قۇتقۇزۇشنىڭ تەس بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئورتا ئاسىيا ئەللىرىگە قايتا بارماسلىق قارارىغا كېلىدۇ. ھەتتا ياۋروپا ئىچىدىكى بەزى پائالىيەتلەرمۇ مەلۇم چەكلىمىلىكلەرگە ئۇچرايدۇ.
2004 – يىلى 4 – ئايغا كەلگەندە گېرمانىيىنى بازا قىلغان ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتى، يەنى شەرقىي تۈركىستان – ئۇيغۇرىستان مىللىي قۇرۇلتىيى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ بىرلەشمە قۇرۇلتاي چاقىرىشنى پىلانلايدۇ. بۇنى توسۇش ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى گېرمانىيە تەرەپكە ھەر خىل بېسىملارنى ئىشلىتىدۇ. خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «تېررورىست» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى قايتا – قايتا تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بىر گەۋدىگە ئۇيۇشۇپ بىرلىك ھاسىل قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بار ئامالى بىلەن كۈچەيدۇ. مانا مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا ميۇنخېندا بىرلەشمە قۇرۇلتاي چاقىرىلىدۇ. ميۇنخېندىكى ئىككى ئۇيغۇر تەشكىلاتى رەسمىي بىرلەشكەنلىكىنى ئېلان قىلىدۇ ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ.

2004 – يىلى يازدا دولقۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۋە بارىدۇ. ئىلگىرى توسالغۇسىز كىرىپ – چىقىدىغان جەنۋەدە بۇ قېتىم يۇيۇقسىزلا ئۇنى شۋېتسارىيە ساقچىلىرى تۇتۇپ 6 سائەتچە سوراق قىلىدۇ – دە ئاخىرى قويۇپ بېرىدۇ. بۇ ھال خىتاي تەرەپتىن كېلىۋاتقان بېسىمنىڭ كۈندىن – كۈنگە ئېشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
خىتاي تەرەپتىن كېلىۋاتقان بېسىم، تەھدىتلەر ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىك سەۋەبىدىن 2004 – يىلىدا دولقۇن ئەيسا گېرمانىيە ۋەتەنداشلىقىغا ئىلتىماس قىلىدۇ. بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان خىتاي تەرەپ تۈرلۈك يوللار بىلەن توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن 2006 – يىلىغا بارغاندا ئۇنىڭ ۋەتەنداشلىق ئىلتىماسى گېرمانىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.
2005 – يىلىغا بارغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى سىياسىي كۈرەشلىرىدە زور بۇرۇلۇش بولىدۇ. خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بېسىمى بىلەن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رابىيە قادىر خانىمنى تۈرمىدىن بوشىتىشى ھەمدە ئۇنىڭ ئامېرىكىغا كېلىشى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر مىللىي كۈرەش ھەرىكىتىنى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرىدۇ. 2005 – يىلى 7 – ئايدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە يىغىنى ئېچىلىپ، رابىيە قادىر خانىمغا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ئانىسى» دېگەن نام بېرىلىدۇ ھەمدە بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىنىدۇ. 2006 – يىلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، بارلىق ۋەكىللەرنىڭ بىردەك ئاۋاز بېرىشى بىلەن رابىيە خانىم رەئىسلىككە سايلىنىدۇ.
2006 – يىلى 6 – ئايدا دولقۇن ئەيسا ئامېرىكىدا ئېچىلىدىغان بىر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن يېڭىلا ئالغان گېرمان پاسپورتى بىلەن سەپەرگە چىقىدۇ. 1999 – يىلىدىن بۇيان ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بېرىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسلىرى رەت قىلىنىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىم گېرمان پاسپورتى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچىدۇ. ئەمما داللاس – ۋاشىڭتون خەلقئارا ئايرودرومىدا تاموژنىدىن چىقىدىغان چاغدا ئۇ يەنە ئامېرىكا ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ قېلىنىدۇ ھەمدە 23 سائەتتىن كېيىن چېگرادىن كەينىگە قايتۇرۇلىدۇ. بۇنىڭغا يەنىلا خىتاي تەرەپنىڭ دولقۇن ئەيسانى «تېررورىست» تىزىملىكىگە كىرگۈزۈپ ئامېرىكىغا مەخپىي سۇنغانلىقى سەۋەب بولىدۇ. دۇنيادا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش شوئارى بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى ئۇنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.
2008 – يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنىڭ ھارپىسىدا خىتايغا قارشى كەڭ كۆلەمدە قارشىلىق نامايىشى ئېلىپ بېرىش ئىشىنى سۆزلىشىش ئۈچۈن دولقۇن ئەيسا تۈركىيىگە بارىدۇ. ئىلگىرى تۈركىيىگە قىلغان سەپىرىنىڭ ھېچ بىرىدە توسالغۇغا ئۇچرىمىغان دولقۇن بۇ قېتىم ئويلىمىغان يەردىن تۈركىيە چېگراسىدا تۇتۇپ قېلىنىدۇ. چېگرادا 20 نەچچە سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن يەنە گېرمانىيىگە قايتۇرۇۋېتىلىدۇ.