
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى كۈرەش كۈسەننىڭ تەشەببۇسى ۋە يېتەكلىشى بىلەن 2003-يىلى 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ستوكھولۇمدا قۇرۇلغان سىياسىي تەشكىلات بولۇپ، شۇندىن بېرى شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىپ كېلىۋاتماقتا.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ قارارى ۋە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان جامائەت چوڭلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى سەنئەت پائالىيىتى ۋە مۇھاكىمە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ تەبرىكلەش ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلماقتا.
قۇتلۇقلاش پائالىيىتى 6-ئاينىڭ 15 ۋە 16-كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، قۇتلۇقلاش پائالىيىتىگە ئامېرىكا، گېرمانىيە، تۈركىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، نورۋېگىيە ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن مېھمانلار تەكلىپ قىلىنغان.
قۇتلۇقلاش پائالىيىتىنىڭ سەنئەت نومۇرلىرىنى قازاقىستاندا كۆزگە كۆرۈنگەن « دىيار» ئانسامبىلى ئۈستىگە ئالغان.
مۇھاكىمە يىغىنى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇنىڭغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، مۇئاۋىن رەئىس سېيىت تۈمتۈرك، ئەسقەرجان، ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، باش تەپتىش نۇرمۇھەممەت روزىئاخۇن، قازاقىستاندىكى كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى ۋە باشقا ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن مېھمانلار قاتنىشىدۇ.
خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ مەقسىتى ۋە مەزمۇنى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساقنى زىيارەت قىلدۇق.
ئابدۇشۈكۈر سامساقنىڭ بىلدۈرۈشىچە خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنلىرىنىڭ بىرى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىدا ئاكتىپ خىزمەتلەردە بولغان كۈرەش كۈسەن، ئەخمەت ئىسكەندەر ۋە سەنەۋبەر قاتارلىق مەرھۇملارنى ئەسلەش ۋە ئۇلارنىڭ روھىغا ئاتاپ خەتمە قۇرئان قىلىش ئىكەن.