
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا كالىفورنىيە شتاتىدا 7- ۋە 8-ئىيۇن كۈنلىرى ئېلىپ بارغان سۆھبىتى جەريانىدا، ئاساسلىقى تور بىخەتەرلىكى ۋە شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى ھەم كىلىمات مەسىلىسى بۇ سۆھبەتنىڭ يادرولۇق تېمىسى بولغان.
ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ كالىفورنىيىدىكى بۇ قېتىمقى غەيرىي رەسمىي ئۇچرىشىشنىڭ ۋاقتى ئىككى كۈن بولۇپ، ئىككى رەھبەرنىڭ بىرگە سۆھبەت ۋە سەيلىدە بولغان مەزگىلى 8 سائەتكە يەتكەن، ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىدا ۋە مەزكۇر سۆھبەت ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىمۇ، ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر، خىتاي دېموكراتلىرى فالۇنگوڭچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى ئىزچىل ھالدا نامايىش ۋە ھەر خىل يىغىن، باياناتلار ئارقىلىق شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا زىيارىتىگە قارشىلىق بىلدۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن پرېزىدېنت ئوبامانىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشنى، بولۇپمۇ گۇناھسىز ھالدا تۈرمىگە ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئامما ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ تولۇق جەريانى ئاخباراتقا ئاشكارىلانمىدى. ئاخباراتلارغا ئاشكارىلانغان تەرەپلەر پەقەت، ئىككىلا تەرەپنىڭ جىددىي مەسىلىلەردە توقۇنۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە سوغۇق قان بولغانلىقى رىقابەتچى ئەمەس بەلكى ھەمكارلىشىش تەرەپدارلىقىنى ئىپادىلەپ سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقى، سۆھبەتتە تالاش تارتىشتىكى جىددىي مەسىلىلەردىن شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسى، سېنكاكۇ ئارال مەسىلىلىرى قاتارلىقلاردىن باشقا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى، خاكېر ھۇجۇمى مەسىلىسىنىڭ ئالاھىدە ئورۇن ئالغانلىقى كۆرسىتىلمەكتە.
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، گەرچە باراك ئوباما-شى جىنپىڭ سۆھبىتىنىڭ جەريانى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ يەنىلا ئىككى تەرەپ دىپلوماتىك، سىياسىي- ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىدىغان بولغاچقا، بۇ مەسىلىنىڭ ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىدە داۋاملىق مۇھىم مەسىلە سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ئەمما، دەل ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنىڭ ئىككى تەرەپ سۆھبىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلىنىۋاتقان بىر پەيتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىۋاتقان تور بېكەتلەردىن «باغداش» تورىنى تاقىۋېتىشى، ياخشى بولمىغان بىر بەلگە دەپ ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
نىيۇرىكتىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇ چىڭليەن بولسا، ئىككى رەھبەرنىڭ سۆھبىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى ئاشكارا تىلغا ئالماسلىقىدىن ئەپسۇسلانمىغانلىقىنى، بۇنى ئىلگىرى قىياس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
بۇ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەلىپى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان غەيرىي رەسمىي سۆھبەت ئامېرىكا ئۆزى خاككېر ھۇجۇمى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرگە ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ باشلىقى بولغان ئوباما ئەلۋەتتە ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان مەسىلىلەرنى سۆزلىشىدۇ، كۆزىتىشىمچە ئۆتكەن يىلدىن باشلاپلا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بۇ ئىككى دۆلەت سۆھبىتىدە تىزىملىكتىن چۈشۈپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ. مېنىڭچە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بارغانچە ناچارلىشىدۇ، ئامېرىكىمۇ ھېچ قانداق ياردەم قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۆزىنىڭمۇ ھەل قىلىپ بولالمايۋاتقان بىر مۇنچە مەسىلىلىرى تۇرۇپتۇ، ھەتتا ئىنتېرنېت بىخەتەرلىكىنى ھەققىدە سۆزلەشكەندە شى جىنپىڭمۇ «بىزمۇ خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراۋاتىمىز» دەپ جاۋاب قايتۇردى، بۇ ئەھۋالدا ئوباما كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويالامدۇ،بۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى؟ خىتاي خەلقىگە نىسبەتەن كىشىلىك ھوقۇق ئىنتايىن مۇھىم. ئەمما بۇنىڭ مۇھىملىقىنى ھەر بىر پۇقرا بېشىغا كەلمىگۈچە، يەنى كىشىلىك ھوقۇق تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىمىغۇچە ھېس قىلالمايۋاتىدۇ، قورسىقىم توق بولسىلا بولدى دەيدۇ، چۈنكى خىتاي كوممۇنىست پارتىيىنىڭ «كىشىلىك ھوقۇق دېگەن غەرب كاپىتالىزمنىڭ جۇڭگونى ئاجىزلاشتۇرۇشتىكى سەپسەتىسى» دېگەندەك تەشۋىقاتلىرىنىڭ زەھەرلىشىگە ئۇچرىغان. كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە سۆز قىلغانلار بولسا تۈرلۈك باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتىدۇ. بۇنداق ۋەزىيەتتە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىشىگە ئۇزۇن بىر مەزگىل كېتىدۇ، يەنىلا بىر قىسىم كىشىلەر نەزەر دائىرىسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ بۇنى تونۇپ يېتىۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلار بولسا بارغانچە مىللىي ئەركىنلىكنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىۋاتىدۇ، شى جىنپىڭنىڭ موسكۋادا قىلغان سۆزىدە «بەزى غەرب دۆلەتلىرى قورسىقى توق، قىلىدىغان ئىشى يوق، جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇق يوق دەپ ئەيىبلىمەكتە، جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى يوق، چۈنكى جۇڭگودا كەمبەغەللىك يوق، ئاچارچىلىق يوق» دېگەن ئىدى، مەن شى جىنپىڭ رەھبەرلىكىدە يېقىن قىسقا زاماندا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ياخشىلىنىش بولىدىغانلىقىغا كۆزۈم يەتمەيدۇ، ئەكسىچە بارغانچە قاراڭغۇلاشماقتا، بەلكىم ئۇزاق كەلگۈسىدە شۇنداق بىر كۈنى كېلىدۇ دېگەن ئۈمىدىم بار.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋاشىنگتون سۆبە مەسئۇلى ت. كۇمار ئەپەندى بولسا ھازىرچە ئىككى تەرەپنىڭ قايسى تېمىلاردا مەخپىي سۆھبەتلەر ئېلىپ بارغانلىقىغا باھا بېرىشكە تېخى بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ «ھازىر بىر نېمە دېمەك بەك تەس، ئەمما ئامېرىكا ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىدە، كىشىلىك ھوقۇق ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەيدانىدىن گەپ قىلغىنىمدا، بىز ئوبامادىن ئىزچىل ھالدا خىتاي بىلەن بولغان سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلىپ كەلدۇق. لېكىن، ئەپسۇسكى ھازىرغىچە ئاشكارا بۇ ھەقتە بايان ئاڭلىمىدۇق. بىز يەنىلا مەخپىي ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە بولسىمۇ كىشىلىك ھوقۇقنى جىددىي مەسىلە سۈپىتىدە تىلغا ئالىدۇ دەپ ئۈمىد قىلىمىز. بۇ مەسىلىدە ئوباما ۋە خىتاي رەھبىرىنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىدىن قاچماسلىققا قايتا چاقىرىمىز.» دېدى.