
ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ دۇنيا مىقياسىغا كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارنى بىلىدىغان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە يېقىندىن دىققەت قىلىدىغان ئادەملەرنىڭ سانىمۇ كۆپىيىشكە باشلىماقتا.
يېقىندا، ئىككى ئۇيغۇر گوللاندىيەدىكى بىر بازاردا كېتىۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكنى پەم ئېتىپ سالام بەرگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىدىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر سودىگەرگە يولۇققان. بۇ ھادىسە، بۇ يات ئەلدە ئۆز كىملىكىنى ساقلاش ۋە تونۇتۇش يولىدا ئىزدىنىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى تولىمۇ خۇرسەن قىلغا.
مۇھاجىرەتتىكى ھاياتنىڭ داۋانلىرىدا مىللىي كىملىكىنى بىلدۈرۈش، چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئاسان ئەمەس. بۇ ھەقتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى پروفېسسور دوكتور ئەسئەت سۇلايمان ئەپەندىمۇ «مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بۈگۈنى ۋە كېلەچىكى» ناملىق لېكسىيىسىدە توختالغان ئىدى.
ئۇ مۇنداق دېگەن ئىدى: چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دۆلەت تەۋەلىكىنى بىلدۈرمەك ھەقىقەتەن قېيىن.
ئۇزۇن يىللىق ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆز مەدەنىيىتى ۋە جەمئىيىتىدىن ئايرىلىپ، يات بىر مەدەنىيەت، يات بىر جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان ھەرقانداق ئۇيغۇر ئۈچۈن، ساھىبخانا دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە سورۇغان سوئاللىرى ئىچىدە، چۈشەندۈرمەك قېيىن توختايدىغىنى مىللىي كىملىكى ۋە دۆلەت كىملىكىدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈنمىكىن، ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دۆلەت تەۋەلىكى ھەققىدە بىر نەرسە بىلىدىغان بىرىنى ئۇچرىتىش، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن ئالاھىدە خۇشاللىنارلىق ئىشلاردىندۇر.
گوللاندىيەنىڭ «بېيفرۋەيك بازىرى» دا دۇكان ئاچىدىغان بىر تۈرك سودىگەر بىزنى يىراقتىنلا تونۇپ كۈلۈمسىرىدى. تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ئىزدەپ چىققان ئىككى ئۇيغۇر ئۇنىڭ ئۆزلىرى ھەققىدە بىلىدىغانلىرى ۋە كۆرگەنلىرىنى ئاڭلاپ، شۇنداق خۇشاللىققا چۆمدى.
دۇكاندار بىز بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈۋېتىپ، ئۆزىنىڭ، تەقى-تۇرقىمىزدىنلا بىزنى بىلىۋالغانلىقى ئۈچۈن تەبەسسۇم قىلغانلىقىنى، گەپ-سۆزلىرىمىزدىن جەزملەشتۈرگەنلىكنى بىلدۈرۈپ، قارشى ئالدى.
ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ياشايدىغانلىقى، خىتايلارنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان دىنداش ۋە قانداش قېرىنداشلىرىدىن ئىكەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى يوقاتماق ئۈچۈن تىركىشىۋاتقانلىقىنى، تۈرك ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بۇ ئىشتا ئېغىزغا ئالغۇدەك ئىش قىلمايۋاتقانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ، دۇئالىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارغا غايىۋى مەدەت بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى زوق-شوخ بىلەن سۆزلەپ بەردى.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلار بىلەن تونۇشقىنىغا 9-10 يىلچە بولغان. شۇنىڭدىن بىرى داۋاملىق دېگۈدەك كۆزىتىش نەزىرى بىلەن دىققەت بېرىپ كەلگەن. رابىيە قادىر خانىم باشلىق ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنىڭ گوللاندىيەدىكى زىيارەت پائالىيەتلىرىگىمۇ قاتناشقان ئىكەن. ئۇ ئىككى يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ يېۋۇ شەھىرىگە مال ئالغىلى بارغاندىمۇ ئۇيغۇر يېمەكلىرى بىلەن غىزالانغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشقانلىقىنى ئېيتتى.
ئەينى چاغدا بىز بىلەن بىللە نەق مەيداندىكى سۆھبەتلىرىمىزگە شاھىت بولغان ئابدۇللا ئەپەندى، ئۆزىنىڭ شۇ چاغدىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى بايان قىلدى.