2013.06.07

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم چارشەنبە كۈنى دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلەددىن ئېھسانئوغلۇ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسى توغرۇلۇق پىكىر ئالماشتۇرغان.

دوكتور ئەكمەلەددىن ئېھسانئوغلۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن يېقىندىن تونۇش زاتلارنىڭ بىرى. ئۇ، 2009‏-يىلى يۈز بەرگەن «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن، دۇنيا ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى زىيارەت قىلغان. ئۇ، قەشقەرنى زىيارەت قىلغاندا شەھەر باشلىقى ئەكبەر غوپۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشنى، ھەر قانداق ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەھەرنىڭ مەدەنىي مىراسلىرىنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە قۇرۇلماسلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئېھسانئوغلۇ رابىيە قادىر خانىم بىلەن ۋاشىنگتونغا زىيارەتكە كەلگەندە ئۇچراشقان.

ئۇ، رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئۇچراشقان شۇ كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى تونىي بلىنكېن بىلەن كۆرۈشۈپ، نۇقتىلىق سۈرىيە ۋەزىيىتىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقى، بېرمىدىكى مۇسۇلمانلار مەسىلىسى، ئافغانىستان، ئىراق ۋەزىيىتى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.