duq-bashqurush-heyeti-ezaliri-305.pngدۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىك ھەيئىتى جىددىي يىغىن چاقىرىپ ئالدىمىزدىكى 6 ئايلىق خىزمەت پىلانى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

18 – ماي كۈنى كەچتە د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلغان بۇ يىغىنغا د ئۇ ق نىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرىدىن سېيىت تۈمتۈرك، ئابدۇرېشىت تۇردىيېف، دىلشات رېشىت، ئۆمەر قانات، ئىلھام ماھمۇت، ئەسقەر جان ۋە ئالىم سېيىتوف قاتارلىقلاردىن باشقا، د ئۇ ق نىڭ ھەرقايسى كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 28 كىشى قاتناشتى. تېلېفون يىغىنىنىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم قىلدى. ئۇ بۇ يىغىننى چاقىرىشتىكى مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

«ھازىر شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەت ئىنتايىن جىددىي. جىددىي قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلىرىمىز بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 – يىللىقى كېلەي دەپ قالدى. بۇ سەۋەبتىن بۇ يىغىننى چاقىرىپ بۇندىن كېيىن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارايلى دېدۇق. يىغىندا ئالدىمىزدا جىددىي قىلىشقا تېگىشلىك بىرقانچە ئىش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارىمىز.»

2 يېرىم سائەت داۋاملاشقان بۇ يىغىندا نوقتىلىق ھالدا 5 – ئاينىڭ 30 – كۈنىدىن 6 – ئاينىڭ 2 – كۈنىگىچە ۋېنگىرىيىدە چاقىرىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ 6 – ئاينىڭ 20 – كۈنىدىن 7 – ئاينىڭ 1 – كۈنىگىچە ياپونىيىگە ئېلىپ بارىدىغان رەسمىي زىيارىتى ۋە 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 4 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىپ خىزمەت پىلانى تۈزۈپ چىقىلدى. تۆۋەندە يىغىننىڭ نەق مەيدان خاتىرىسىنى ئاڭلىتىمىز..