
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى يېڭى دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا ئۆتكەن يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى ھۆرمەت قىلىشى سۇسلىشىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ناچارلاشقانلىقىنى كۆرسەتتى.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ 2013-يىللىق خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، دۇنيادىكى 100 نەچچە دۆلەتنىڭ 2012-يىلدىكى دىنىي ئەركىنلىك ئەھۋالىنى باھالاپ چىققان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىدا، ئۆتكەن يىلى خىتاي دىنىي ئىشلار ۋە ئامانلىق ئورگانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى ۋە دىنىي گۇرۇھلارنى قاتتىق تەقىب قىلىپ ۋە چەكلەپ، تۈرلۈك دىنىي گۇرۇھلارغا مەنسۇپ دىندارلارغا ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك پاراكەندىچىلىك سالغانلىقى، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلغانلىقى، قولغا ئالغانلىقى ۋە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قوپال بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي پائالىيىتىنى داۋاملىق كونترول قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى «بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك، تېررورلۇق» قا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى قاتتىق چەكلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. دائىرىلەر دائىم تىنچ دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن جىنايى قىلمىشلار ياكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنى ئۆز ئارا پەرقلەندۈرمەي كەلگەچكە، خىتاينىڭ باستۇرۇش ھەرىكىتى كىمگە قارىتىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ مەلۇم سىياسىي نىشان ۋە دىنىي ئەركىنلىك قوغلىشىدىغانلارغا قارىتىلغانلىقى ياكى جىنايى قىلمىشلارنى نىشان قىلغانلىقىنى ئايرىش قىيىنغا توختايدىكەن.
دوكلاتتا يەنە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گەنسۇ، نىڭشا، يۈننەن ۋە چىڭخەيدىكى تۇڭگانلارغا بىر خىل، ئۇيغۇرلارغا بىر خىل دىنىي سىياسەت يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. ئۇيغۇرلار بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، دائىرىلەرنىڭ ئاياللارنى دىنىي كىيىم-كېچەك كىيمەسلىككە، ئەرلەرنى ساقال قويماسلىققا مەجبۇرلىغانلىقى، ئىجتىمائىي كاپالەت پۇلى ئالىدىغانلارنىڭ يۈزىنى ئورىماسلىققا ۋەدە قىلىپ، تىلخەت يېزىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق نىڭشا، گەنسۇ، چىڭخەي، يۈننەن قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى تۇڭگانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشىغا ئۇيغۇرلارغا چات كېرىۋالغاندەك ئارىلىشىۋالمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئاساسى قانۇنى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلسىمۇ، بىراق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «نورمال دىنىي پائالىيەتلەر» گە قىسمەن يول قويۇشتەك ھەرىكىتى ۋە ئۇنىڭ ھەر خىل قانۇن-تۈزۈملەرنى چىقىرىپ، دىنىي ئەركىنلىككە چەكلىمە قويۇشى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئۆلچىمىگە چۈشمەيدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەررىي دوكلات ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، دىنىي ئەركىنلىكنىڭ تۇغما ھوقۇق ئىكەنلىكى ۋە ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدىكى ھالقىلىق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ: دىنىي ئەركىنلىك ئامېرىكىنىڭ ئىجادىيىتى ئەمەس، بەلكى ئۇ خەلقئارا ئۇنىۋېرسال قىممەت. ئۇ بىزنىڭ ئاساسى قانۇنىمىزنىڭ روھىغا سىڭگەن ۋە ئۇنى مۇقەددەسلەشتۈرگەن. بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ئاشكارا ئىپادىلىشى ۋە ئىبادەت قىلىشى ياكى دىنغا ئىشىنىش -ئىشەنمەسلىكى ۋە ياكى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىشى ھەر بىر ئىنساننىڭ تۇغۇلۇشىدىن بار بولغان ھوقۇقىدۇر. بىز بۇنىڭغا ئىشىنىمىز. بۇ ھوقۇق خەلقئارا قانۇندا ئېتىراپ قىلىنغان. خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىكنى ئالغا سۈرۈش پرېزىدېنت ئوباما ۋە مېنىڭ تۈپ ۋەزىپىلىرىمنىڭ بىرى. دىنىي ئەركىنلىك مۇھەققەق ۋە داۋاملىق بىزنىڭ يەر شارى دىپلوماتىك پائالىيىتىمىزنىڭ مۇھىم پارچىسى بولىدۇ، دېدى.
ئۇ ئۇ، دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كىشىلەرگە ناھەق تەھدىت سېلىپلا قالمايدىغانلىقى ئۇلار يەنە، ئۆز دۆلىتىنىڭ مۇقىملىقىغا تەھدىت سالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئامېرىكا بۇنىڭغا دۇنيانىڭ نۇرغۇن يەرلىرىدە شاھىت بولدى. شۇڭا دىنىي ئەركىنلىككە قىلىنغان ھۇجۇم ئامېرىكىنىڭ ئەخلاقىي ۋە ئىستراتېگىيىلىك دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئالاقىدار مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يەنە ھەج قىلىش، روزا تۇتۇش، «قۇرئانى كەرىم» ئۆگىنىش، مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇش قاتارلىق جەھەتلەردە چەكلىمە قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە، دىنىي، مەدەنىيەت ۋە تىل جەھەتلەردىكى پەرقلەر سەۋەبلىك كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرىنىڭ 2012-يىلى 7-ۋە 8-ئايلاردىكى رامزان ئېيى مەزگىلىدە دىنىي ئىبادەتنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ئوقۇتقۇچى، پروفېسسور، خىزمەتچى ۋە كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ روزا تۇتۇشى، مەسچىتكە كىرىپ، دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشىنى چەكلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يەنە رۇخسەتسىز «قۇرئان» كۇرسىسىغا قاتناشقان كىشىلەرگە جەرىمانە قويۇپ، كىشىلەرنى ›قانۇنسىز‹ دىنىي پائالىيەتكە قاتناشقانلىقى ياكى ›قانۇنسىز‹ دىنىي ماتېرىيال ساقلىغانلىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلغانلىقى، مەسچىت ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئامانلىق خادىملىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ نامازغا قاتنىشىشىغا چەكلىمە قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دوكلاتتا كۆرسىتىشىچە، دائىرىلەر 2012-يىلى 12-ئايدا يېڭى سار ناھىيىسىدىكى «1-ئاۋغۇست ئوتتۇرا مەكتىپى» نىڭ بارلىق ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىغا «دىنغا ئىشەنمەسلىك ياكى دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىق» ھەققىدە ۋەدىنامە يازدۇرغان.
ئامېرىكىنىڭ دىنىي ئىشلارغا مەسئۇل باش ئەلچىسى سۇزان جونسون كۇك، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى دىنىي ئەركىنلىككە بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا چاقىردى. ئۇ: مەن تېخى ئۆتكەن ئايدىلا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، ھۆكۈمەت دانىلىرىنى بارلىق پۇقرالارنىڭ دىنىي ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا، بۇ ئۇنىۋېرسال ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىشنى توختىتىشقا قىستىدىم. ھۆكۈمەت نۇرغۇن دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئىبادەت بىلەن شۇغۇللىنىشىغا چەكلىمە قويغان. خۇسۇسەن تىبەت بۇددىستلىرىنى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى، تىزىمغا ئالدۇرمىغان خرىستىئان دىنىي جامائەتلىرىنى ۋە فالۇنگوڭچىلار مۇرىتلىرىنى چەكلىگەن. 2012-يىلى 83 نەپەر تىبەت پۇقراسى ئۆزىنى كۆيدۈرۈپ، خىتاينىڭ سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ھازىر ئۆزىنى كۆيدۈرگەنلەر 100 دىن ئېشىپ كەتتى. بىز ھۆكۈمەتنى بارلىق پۇقرالارنىڭ قورقماي ئۆز ئېتىقادىنى ساقلاش، ئىپادىلەش ۋە ئۆزگەرتىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز، دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا، كورلا ساقچىلىرىنىڭ 2012 يىلى 6-ئايدا 11 ياشلىق مىرزاھىد ئامانۇللا شاھيارىنى دىنىي كۇرسقا قاتناشقان، دەپ قولغا ئېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكى، شۇ يىلى 5-ئايدا قەشقەر يېڭى شەھەردە سىدىق قۇرباننىڭ «قانۇنسىز دىنىي مەكتەپ» ئاچقان، دەپ 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، خوتەندە ھەبىبۇللا ئىبراھىمنىڭ «قانۇنسىز دىنىي ماتېرىيال» ساقلىغان، دەپ 10 يىللىق قاماققا بۇيرۇغانلىقىنى تەنقىد قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىم ئابدۇرېھىم ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، بىراق يەنە بىر ئوغلى ئابلىكىم ئابدۇرېھىمنىڭ داۋاملىق تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 1998-يىلدىن بۇيان ھەر يىلى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتى ئېلان قىلىپ كەلدى. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ 1998-يىلى چىقارغان «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك قانۇنى» غا ئاساسەن دوكلات ھازىرلاپ كەلگەن. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىللىق دوكلاتىدا خىتاي، بېرما، ئېرىترىيە، ئىران، كۇبا، شىمالىي كورىيە، سۇدان، سەئۇدى ئەرەبىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى يەنە «ئالاھىدە كۆزىتىلىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.