erkin-asiya-radiosi.jpgئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى ھەپتىلىك خەۋەرلىرى

رابىيە قادىر: خىتاينىڭ «شىنجاڭ چۈشى» چۈش پېتى قېلىۋېرىدۇ

خىتاي ھۆكۈمىتى «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىلغاندىن بۇيان زور نەتىجە ياراتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ ئۈچ يىلدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىسلىسىز دەرىجىدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، يۇقىرىقى يىغىننىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرى يەرلەشتۈرۈلگەنلىكى، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىنلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىش قەدىمنىڭ تېزلىگەنلىكى، نەتىجىدە رايوندا مۇقىمسىزلىق كۈچەيگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «23-ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسى» قاتارلىق ۋەقەلەرمۇ مۇشۇ ئۈچ يىل جەريانىدا يۈز بەردى. ئەگەر خىتاي دېگەندەك ئۇيغۇر ئېلىدە «ئەمىنلىك» ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسا بۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرمىگەن بولاتتى.

ئۇ يەنە جاڭ چۈنشيەن ئوتتۇرىغا قويغان «شىنجاڭ چۈشى» نەزەرىيىسى ئۈستىدە توختىلىپ: بۇ ئەلۋەتتە بىر چۈش، ئۇ چۈش پېتى قېلىۋېرىدۇ، خىتاي ئۇيغۇرلارنى قىلچە باش ئەگدۈرەلمەيدۇ، دېدى.

دادامتۇدىكى ئۆسمۈر مەھكۇملار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا بارماقچى

دادامتۇدىكى مىللىي توقۇنۇش ۋەقەسى بىلەن جازاغا بۇيرۇلغان ئۆسمۈر مەھكۇملارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ نارازىلىق ئەرزى ھازىرغا قەدەر جاۋابسىز قالدۇرۇلغان. تاقەتسىزلەنگەن ئائىلىلەر نۆۋەتتە ئەرز قىلىپ بېيجىڭغا بېرىشقا ھازىرلانماقتا.

ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا، غۇلجا دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئوقۇغۇچىلار يارىلىنىش بىلەن بىرلىكتە، بىر خىتاي ئوقۇغۇچى سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن.

گەرچە ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىۋاسىتە سەۋەبچى بولمىسىمۇ، خىتاي سوتى بۇ يىل 1-ئايدا 3 نەپەر ئۇيغۇر ئۆسمۈرنى 5 ۋە 6 يىللىقتىن قاماققا ھۆكۈم قىلغان.

مەھكۇملار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى غۇلجا شەھەرلىك سوتنىڭ بۇ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئوبلاستلىق سوتقا ئەرز سۇنغان. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئەرزى ھازىرغىچە جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن.

بۇ 3 نەپەر ئۆسمۈرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئاخىرقى چارە سۈپىتىدە ئەرز-شىكايەت ئۈچۈن بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقماقچى.

ئۇيغۇر ئالىمى ئىنسانلارنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلدى

ئۇيغۇر بىئولوگىيە ئالىمى دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ تۇنجى بولۇپ ئادەم تېرىسىدىن تۆرەلمە غول ھۈجەيرىسىنى كلونلاپ نەتىجە قازاندى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ ئىنسانلارنىڭ غول ھۈجەيرە تەتقىقاتىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك نەتىجىدە ھاسىل قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئۇنىڭ مەزكۇر ساھەدىكى يېڭى نەتىجىسى 15-ماي «ھۈجەيرە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىندى.

مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر ساھەدىكى تەجرىبە دۇنيا بويىچە كۆپ قېتىم ئىشلەنگەن بولسىمۇ، ھازىرغا كەلگۈچە نەتىجىلىك بولماي كەلگەن.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ يېتەكچىلىكىدىكى تەتقىقات گۇرۇپپىسىدا ئۇ، ئۇيغۇر رايونىدىن قوبۇل قىلغان ئالىم پولات ئىسىملىك ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىمۇ بار ئىكەن.

دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپ دۇنيا كلون تەتقىقاتىدىكى يېتەكچى شەخسلەرنىڭ بىرى، ئۇ ئامېرىكا ئورىگون سەھىيە ۋە پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بىر تەتقىقات مەركىزىدە ئىشلەيدۇ.

ئاقسۇدىكى ياغلىق چەكلەش ھەرىكىتى دېھقانلارنىڭ قارشىلىقىدا سۇغا چىلاشتى

ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ دىنىي يوسۇندا كىيىنىشىگە قارىتىلغان چەكلەش ئاقسۇ تەۋەسىدىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلگەن. ھالبۇكى، دائىرىلەرنىڭ شۇ خىلدىكى چەكلەش ھەرىكىتى ئاقسۇ دېھقانلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىدا سۇغا چىلاشقان.

ئىگىلىشىمىزچە، بۇلتۇر 6-ئايدا تەشۋىقات خىزمىتىگە مەسئۇل بىرلىك سەپ ئىشخانىسىنىڭ خادىملىرى ئاقسۇ شەھەرلىك بەشتۈگمەن يېزىسىدا ياغلىق ئارتقان ئاياللارنى يىغىۋېلىپ، 400 يۈەندىن جەرىمانە تۆلەشكە مەجبۇرلىغان. بۇ مەزكۇر يېزىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئۆزىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بەشتۈگمەن يېزىسىدىكى ھەر خىل قاتلامدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرلىشىپ نارازىلىق كۆرسىتىشى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتى مەقسىتىگە يېتەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ياغلىق ئارتقانلارغا ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى سۇسلاش تۇرغان. ئەمما، ئورانغان ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئېچىۋېتىش ھەرىكىتى كەڭ كۆلەمدە داۋام قىلماقتا.

ئاقسۇ بەشتۈگمەن يېزىسى بىرلىكسەپ ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئۇ يېزىدىكى ياغلىق ئارتقان ئاياللارغا جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ ساھەدە ئاكتىپلىق بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان خىزمەتلىرىنى يوشۇرۇپ ئولتۇرمىدى.

خوتەندە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەكتەپ ۋىۋىسكىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشىنى تەلەپ قىلدى

خوتەن لوپ ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار 13-ماي دەرس تاشلاپ، مەكتەپ ۋىۋىسكىلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ئوقۇغۇچىلار مەزكۇر مەكتەپكە بۇ يىل 4-ئايدا كۆچۈپ بارغان. ئۇ چاغدا مەكتەپ قۇرۇلۇشى تولۇق پۈتمىگەن بولغاچقا، مەكتەپ ۋىۋىسكىلىرىدا ئۇيغۇرچە خەتنىڭ بولماسلىقى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرمىغان.

ئەمما، مەكتەپ قۇرۇلۇشى تاماملانغاندا، مەكتەپ دەرۋازىسى، ئوقۇتۇش بىناسى، كۇتۇپخانا ۋە تەجرىبىخانا قاتارلىق بىنالارنىڭ ۋىۋىسكىسى پۈتۈنلەي خىتايچە يېزىلغان بولۇپ، ئۇيغۇرچە يېزىققا ئورۇن بېرىلمىگەن. بۇ مەزكۇر مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭغا قارشى دەرس تاشلاپ، نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئاخىرى ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسى رەھبەرلىرى ۋەقەگە ئارىلىشىپ، ۋىۋىسكىلارنى ئۇيغۇرچە يېزىشقا ۋەدە بەرگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار دەرسكە كىرىشكە قوشۇلغان.

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن غايىب بولغان يەنە بىر ئۇيغۇر ئاشكارىلاندى

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلىقى ئەڭ يېقىندا بايقالغانلارنىڭ بىرى يەكەنلىك ئابلىز قادىر. ئۇ 2009-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچىدە ناۋايلىق قىلىۋاتقان دۇكىنىدىن 2 شاگىرتى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن.

ئابلىز قادىرنىڭ شاگىرتلىرى 6 ۋە 7 ئايدىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما ئۇنىڭ ئىز-دېرىكى ھازىرغىچە مەلۇم ئەمەس. ئابلىز قادىرنىڭ ئايالى ئامىنە خانىم 3 بالىسىنى ئارقىسىغا ئەگەشتۈرۈپ 4 يىلدىن بېرى ئېرىنى ئىزدەپ يۈرمەكتە. ئامىنە خانىم يەركەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى ئالاقىدار ئىدارە-ئورگانلاردىن ئېرى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات ئالالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىز قادىر شۇ يىلى 6-ئايدا دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئىنىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن يەكەنگە كەتكەن ۋە 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۈرۈمچىگە كەلگەن. يەنى ئۇنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى» بىلەن ھېچقانداق چېتىشلىقى بولمىسىمۇ، ئۇيغۇر كىملىكى 5-ئىيۇلدىن كېيىنكى تۇتقۇندا جىنايەت گۇماندارى سانىلىشقا يېتەرلىك سەۋەب بولغان.