1. رابىيە قادىر خانىم «2012 – يىلىدىكى خەلقئارادا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 500 مۇسۇلمان» نىڭ بىرى
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم «2012 – يىلىدىكى خەلقئارادا تەسىرى ئەڭ زور 500 مۇسۇلمان» نىڭ بىرى بولۇپ باھالاندى.
باھالاشنى ئىئوردانىيىدىكى خان جەمەتى ئىسلام تەتقىقات مەركىزى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىدۇ.
2012 – يىللىق باھالاش نەتىجىسى مەزكۇر جەمئىيەت ئېلان قىلغان «خەلقئارادا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك 500مۇسۇلمان» ژۇرنىلىنىڭ 2012 – سانىدا بېرىلدى.
بۇ ژۇرنالدا بېرىلگەن رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى مەخسۇس تونۇشتۇرۇشتا ئۇنىڭ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، 2006 – يىلىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى نامزاتى ۋە يەنە رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى ساھىبى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتى چۈشەندۈرۈلگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم «بۇ مەن ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دۇنيادىكى 500 چوڭ مەسىلە قاتارىدا ئىسلام دۇنياسىدا تەسىر پەيدا قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ، بۇ داۋايىمىزنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى دەسلەپكى نەتىجىسى، بۇ بىر باشلىنىش» دېدى.
2. خەلقئارا تەشكىلاتلار «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» نى مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
سەيشەنبە كۈنى مەركىزى بريۇسسېلدىكى ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، «23 – ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسى» نىڭ مۇستەقىل ئورگانلار تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى.
ئۇلار باياناتىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەقەنى تەكشۈرىدىغان مەخسۇس گۇرۇپپا قۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان ۋە ياۋروپا پارلامېنتىنى بۇ ھەقتە ب د ت غا چاقىرىق قىلىشقا ئۈندىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 23 – ئاپرېلدىن بۇيان ۋەقە ھەققىدە ئوخشىمايدىغان باياناتلارنى بېرىشى، ۋەقەنىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى گۇمانلارنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چارشەنبە كۈنى بەرگەن باياناتىدا خەلقئارا جامائەتنى مارالبېشى ۋەقەسىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كېيىنكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
3. ئەركىنلىك سارىيى خىتاينى سىياسىي ھەقلەر ۋە پۇقرالار ئەركىنلىكىدە ناچار دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزدى
ئەركىنلىك سارىيى 2013 – يىللىق دوكلاتىدا خىتاينى سىياسىي ھەقلەر جەھەتتىكى خاتىرىسى ئىنتايىن ناچار، پۇقرالار ھوقۇقى جەھەتتىكى خاتىرىسى ناچار دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزگەن.
ئەركىنلىك سارىيى دۇنيادىكى يۈز نەچچە دۆلەتنى دەرىجىگە تىزىپ، بۇ جەھەتتىكى ئەھۋالى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرگە 7 نومۇر بەرگەن. خىتاي سىياسىي ھوقۇق جەھەتتە شىمالىي كورىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان، كۇبا قاتارلىق ئەللەر بىلەن بىرلىكتە ئەڭ ناچار دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
دوكلاتتا، 2012 – يىلى ھوقۇق ئۆتكۈزۈۋالغان خىتاي يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ سىياسىي ئەركىنلىكنى كېڭەيتىشىدىن نائۈمىد ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
4. ئامېرىكا «سېرىقبۇيا ۋەقەسى» دىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى«23 – ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسى» دىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە خىتاينى مەزكۇر ۋەقەگە چېتىلىپ قولغا ئېلىنغانلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇۋەققەت باياناتچىسى پاترىك ۋەنترېلل سەيشەنبە كۈنى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئىلگىرى سۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ زوراۋانلىقتىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇق. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر ۋەقە ئۈستىدىن تەلتۆكۈس، ئوچۇق – ئاشكارا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ۋە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بارلىق قانۇنىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىمىز، دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: قىسقىسى بىزنىڭ مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى مەيدانىمىز ئۆزگەرمىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى 24 – ئاپىرىلدىكى باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتى «تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان مەزكۇر ۋەقەنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختالمىغان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
5. خىتاي ھۆكۈمىتى 23 – ئاپرېل مارالبېشى ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلدى
خىتاي ھۆكۈمىتى2 – ماي ئامېرىكىنىڭ چاقىرىقى ۋە خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە مارالبېشىدا يۈز بەرگەن 23 – ئاپرېل سېرىقبۇيا ۋەقەسى ھەققىدە يەنە بىر قاتار مەلۇماتلارنى ئاشكارىلىدى.
مەلۇماتلاردا، ۋەقەنى قاسىم مەمەت ۋە مۇسا ھەسەن باشچىلىقىدىكى 25 كىشىلىك بىر «تېررورلۇق گۇرۇھى» نىڭ سادىر قىلغانلىقىنى، ئاتالمىش تېررورچىلارنىڭ ئۆزلىرى بايقىلىپ قالغان ئۆيدە ھۇجۇم قوزغىغاندىن سىرت، سېرىقبۇيا بازارلىق ھۆكۈمىتى ۋە بازارلىق ساقچىخانىغىمۇ ھۇجۇم قىلغانلىقى بايان قىلىندى.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، خەۋەردە ۋەقە جەريانىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە بايان قىلىنمىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ۋەقە خاراكتېرىنىڭ بۇرمىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
6. ئامېرىكا خەلقئارا دىنى ئەركىنلىك كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان دىنىي بېسىم سىياسىتىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى 30 – ئاپرېل قىلغان يىللىق دوكلاتىدا خىتاينىڭ دىنىي گۇرۇپپىلارغا، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان دىنىي بېسىم سىياسىتى تەنقىد قىلدى.
دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا «ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ئون يىل ئىچىدىكى ئەڭ ناچار سەۋىيىگە چۈشۈپ قالدى» دېيىلگەن.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ۋە مەدەنىيىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سەلبىي نەتىجە بېرىپ، بۇ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقان رادىكالىزمنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.
كومىتېت بۇ يىللىق دوكلاتىدا يەنە خىتاينى دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى «ئالاھىدە دىققەت قىلىنىدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.
7. بېيجىڭدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇلۇش ۋەقەسى نارازىلىق قوزغىدى
بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتى ئوقۇغۇچىسى مەمەتجان ئېلى خىتاي ياتاقداشلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا يارىلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار نامايىش قىلىپ ۋەقەگە نارازىلىق بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، مەمەتجاننى 3 نەپەر خىتاي ياتاقدىشى قەستەن جېدەل تېرىپ، ئۇرغان ۋە ئېغىر يارىلاندۇرغان.
ۋەقەدىن غەزەپلەنگەن 200 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ھويلىسىغا يىغىلىپ، مەكتەپ رەھبەرلىرىدىن بۇ دېلونى ئادىل بىر تەرەپ قىلىشنى ۋە مەمەتجاننىڭ داۋالىنىش چىقىملىرىنى كۆتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىكنىڭ كەسكىنلىشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن مەكتەپ رەھبەرلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، دەرھال ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياتاقلىرىنى ئايرىغان.
مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر ۋەقەنى ھازىرغىچە تولۇق بىر تەرەپ قىلمىغان.
8. گوللاندىيە ئۇيغۇرلارنى قايتۇرمايدۇ!
گوللاندىيىنىڭ ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان مەخسۇس ئۆمەك – 3 ماي خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە ماڭىدىغان بولۇپ، ۋەكىللەر مېڭىشتىن بىر كۈن بۇرۇن گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىپ مەزكۇر رايونلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئالغان.
مەزكۇر ئۇچرىشىشتا پارلامېنت ئەزالىرى گوللادىيەدە پاناھلىق تىلەپ مەجلىسى ھەل بولماي تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تىرىشچانلىقى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلار مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە پارلامېنت ئەزالىرىغا دوكلات سۇنغان.