
گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ۋە پارلامېنتىدىن تەشكىل تاپقان مەخسۇس ئۆمەك – 3 ماي خىتاي بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشكە ماڭىدىغان بولۇپ، ۋەكىللەر مېڭىشتىن بىر كۈن بۇرۇن گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ پىكىرلەشكەن.
پارلامېنت ئەزالىرىغا گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدە دوكلات سۇنغان ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكى باش كاتىپى غەيرەت ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، سىياسىي ئىلتىجاسى ھەل بولماي تۇرۇۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلمايدىغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق مەسىلىسىنىڭ پات ئارىدا بىراقلا ھەل بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىد زور ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ ئالدىدا گوللاندىيەدە تۇرۇپ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان خىتايغا جاسۇسلۇق قىلغان ئىككى ئۇيغۇر تەرجىمان سەۋەبلىك، – 5 ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ ئالدى – كەينىدە گوللاندىيەگە كېلىپ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماس قىلغان 400دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ ئىلتىجا ئىشلىرى توسقۇنلۇققا ۋە رەت قىلىشلارغا ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. نۆۋەتتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىدۇ.
يېقىنقى يىللاردا، بولۇپمۇ – 5 ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن قېچىپ تۈرلۈك يوللار ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار كۈپەيدى، ئەمما گوللاندىيەدە سىياسىي پاناھلىق تىلەپ قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىجا ئىشلىرى باشقا دۆلەتلەردىكىدەك ئوڭۇشلۇق بولمىدى، ئىلگىرى – ئاخىر تۆت يۈزدىن ئارتۇق، كۆپىنچىسى ياشلارنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ھەل قىلىنماي، ھەتتا بىر قىسمى خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلدى، خەتەر ئاستىدا قالغان بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى مەسىلىسى ئۈچۈن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىقىنى، ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرغاندا خەۋپ ئاستىدا قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىجاسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن ئىدى.
يېقىندا گوللاندىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كۆچمەنلەر ئىدارىسىغا تەرجىمانلىق قىلىۋاتقان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي جاسۇسلىرى ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلار ھەقىقىدىكى ئۇچۇرلارنى خىتايغا يەتكۈزگەنلىكى پاش بولۇشى بىلەن گوللاندىيەدىن پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلتىجاسىنىڭ نېمە ئۈچۈن توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقى سۇ ئۈستىگە چىقتى ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتى ئۆز ۋاقتىدا سىياسىي پاناھلىقىنى رەت قىلغان ئۇيغۇرلارغا قايتىدىن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىدى.
گوللاندىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر سۆھبەت ئۆمىكى خىتايغا مېڭىش ئالدىدا بولۇپ، يولغا چىقىش ئالدىدا گوللاندىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر ۋە تىبەت ۋەكىللىرى بىلەن پىكىرلەشكەن، ۋە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرغان، بۇ پائالىيەتلەرگە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن قاتناشقان گوللاندىيە ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ باش كاتىپى غەيرەت ئەپەندى، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرى جاسۇسلارنىڭ بۇزغۇنچىلىقلىرى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى توسالغۇغا ئۇچرىغان ئۇيغۇرلارنىڭ گوللاندىيەدە پاناھلىنىش مەسىلىنىڭ پات ئارىدا ھەل بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى:
رابىيە قادىر خانىم گوللاندىيەدە بىر قانچە يىلدىن بۇيان ئەندىشە ئىچىدە تۇرغان ئۇيغۇر ئىلتىجاچىلار مەسىلىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ۋە ئۆزى ئۈچۈن مۇھىم بىر مەسىلە بولۇپ كەلگەنلىكىنى، بۇنىڭ ھەل بولۇشىغا زور ئۈمىدى بارلىقىنى بىلدۈردى:
گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئىچىدىن ئىككى نەپەر خىتاي جاسۇسنىڭ بايقىلىشى، بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلاردا نەپرەت ۋە ئەندىشىلەر قوزغىغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بىر قانچە يىلدىن بۇيان سىياسىي پاناھلىق مەسىلىسى ھەل بولماي تېڭىرقاش ئىچىدە قالغان ئۇيغۇرلارغا باشقىدىن ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن ئىدى، گوللاندىيەگە يەرلەشكەن بىر ئۇيغۇر خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىشلىرى ھەل بولماي كېلىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشىلىنىپ كەلگەنلىكىنى، ئەمما يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن زور ئۈمىد ۋە خوشاللىققا چۆمگەنلىكىنى بىلدۈردى:
بۇ نۆۋەت خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغان گوللاندىيە پارلامېنت ۋەكىللىرى – 3 ماي خىتايغا قاراپ يولغا چىقىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ خىتايغا قاراتقان ئىككى ھەپتىلىك زىيارىتى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە بېرىشى چەكلەنگەن.