uyghur-ayallar-qizlar-birliki-parij-parizh-paris-305.pngرابىيە قادىر خانىم يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىلەن بىللە

پارىژدا چاقىرىلغان 6 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللىرى يىغىنى 22 – ئاپرېل يېپىلدى. يىغىن يېپىلغان شۇ كۈنى د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم يىغىنغا قاتناشقان ئاياللارنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر ئاياللار بىرلىكى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇخبىرىرىمىزنىڭ پارىژدىن بەرگەن خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات «دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىر تەشكىلاتنىڭ بولۇشىنىڭ تەخىرسىز ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكى» سەۋەبلىك قۇرۇلغان. مەزكۇر بىرلىكنىڭ رەئىسلىكىگە بىلگىيەدىكى پائالىيەتچى رىسالەت ئارىپوۋا خانىم سايلانغان.

تۆۋەندە كانادادا تۇرۇشلۇق ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۇلشەن ئابدۇقادىر بۇ ھەقتە پارىژدىن خەۋەر بېرىدۇ.