uyghur-xanim-qizlar-terbiylesh-2013-305.pngرابىيە خانىم ئۇيغۇر ئايال كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنى مۇكاپاتلىدى

فرانسيەدە چاقىرىلغان ئۇيغۇر خانىم – قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى «قانداق قىلىپ خەلقىمىزگە ياردەم بېرەلەيمىز» دېگەن تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېچىلغان ۋە نەتىجىلىك تاماملانغان.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يىغىندا يىغىن ئەھلى ئۆز خەلقى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەرنى بېرىشكەن.

ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى مۇشۇ ئاينىڭ 20 – كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدىكى نۋېتەل مېھمانخانىسىدا باشلانغان ئىدى.

ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، تۈركىيە، قازاقىستان، شۋېتسىيە، بېلگىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپىنى بىر ئارىغا جەم قىلغان بۇ يىغىن 2 كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن 21 – ئاپرېل كۈنى ئاخشىمى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.