«ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى» مۇشۇ ئاينىڭ 20 – كۈنى فرانسىيىنىڭ پايتەختى پارىژ شەھىرىدىكى نۋېتەل مېھمانخانىسىدا ئېچىلىشقا باشلاپ، 21 – ئاپرىل كۈنى يىغىن ئىككىنچى كۈنىگە قەدەم قويدى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ پارىژدىن خەۋەر قىلىشىچە، ئىككىنچى كۈنىدىكى يىغىندا ئاساسلىقى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە باشقا ئاياللار ھوقۇقى پائالىيەتچىلىرى سۆز قىلىپ، ئاياللارنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى خىزمەت ئۇسۇللىرى، تەجرىبىلىرى شۇنىڭدەك ئۇچۇر توپلاش ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى مۇھاكىمە قىلغان. يىغىندا ئومۇمىي ئەركىن مۇنازىرە قىلىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان.
6 – نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن يىغىن قاتناشقۇچىلىرى پارىژدىكى مەدەنىيەت ئورۇنلىرى، مۇزېيلار ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك جايلارنى زىيارەت قىلىدىكەن.
ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئۇيغۇر ئاياللىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى ھازىرغىچە ئامېرىكا، كانادا، گېرمانىيە، تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە ئېچىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقىسى پارىژ شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.بۇ پەقەت ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم پارىژ شەھىرىگە جەم بولۇپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە ئۇيۇشتۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ پارىژدا جەم بولۇشى فرانسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ قىزىقىش نۇقتىسى بولغان.