
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم يېتەكچىلىكىدىكى «خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى»، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن خەلقئارا مىقياسىدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ 6-نۆۋەتلىكى ئالدىمىزدىكى ھەپتە، يەنى 20-ئاپرېلدىن 24-ئاپرېلغىچە فرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئېچىلماقچى. ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ نۆۋەتلىك كۇرسىغا قاتنىشىش ئۈچۈن 16-ئاپرېل ۋاشىنگتوندىن پارىژغا قاراپ يولغا چىقىش ئالدىدا، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ بۇ نۆۋەتلىك كۇرستىن كۈتىدىغانلىرى، كۇرس پروگراممىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى ۋە بۇ پائالىيەتنىڭ فرانسىيە پايتەختى پارىژغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن يەنىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەتلىرى ئىچىگە ئېلىپ كىرىش ۋە بۇ پائالىيەتلەرنى خەلقئارالاشقان سەۋىيىگە كۆتۈرۈش مەقسىتىدە داۋام قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر ئاياللىرىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىكى 2007-يىلى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا، ئىككىنچى نۆۋەتلىكى 2008-يىلى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، ئۈچىنچى نۆۋەتلىكى 2010-يىلى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە، تۆتىنچى نۆۋەتلىكى بولسا 2011-يىلى ئېستونىيىنىڭ تاللىن شەھىرىدە، بەشىنچى نۆۋەتلىكى تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، ھەر نۆۋەتلىكىدە ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن يۈزلىگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى مەزكۇر كۇرستا تەربىيىلىنىپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى سېپىگە قېتىلماقتا.