Bingtuan-Xitayliri-we-Barin-Inqilapchiliri-tutqunda.jpgﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﺑﺎﺭﯨﻦ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﯖﺘﯘﻩﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ «ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ» ﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.

1-ئاپرېلدا ئالماتا شەھىرىنىڭ سۇلتانقورغان مەھەللىسىدە 1990-يىلقى بارىن قوزغىلىڭى قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭغا ئالماتا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا ۋە ناھىيىلەردىن كەلگەن ۋەكىللەر قاتناشتى.

مەلۇمكى، 1990-يىلنىڭ 5-ئاپرېل كۈنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بارىن يېزىسىدا يۈز بەرگەن قوراللىق قوزغىلاڭ ئازادلىقنى، ئەركىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈشكە، كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىشقا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنى رەھىمسىز باستۇرۇش ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى كۆپ ساندا ھەربىي كۈچىنى ئاجراتقان ئىدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە گۇناھسىز قۇربان بولغانلارنىڭ، ئىزسىز يوقاپ كەتكەنلەرنىڭ ھەم تۈرمىگە قامالغانلارنىڭ ئېنىق سانى ھازىرغىچە نامەلۇم بولماقتا.

بارىن، 1997-يىلقى غۇلجا فېۋرال قانلىق ۋەقەسى، 2009-يىلقى ئۈرۈمچى ئىيۇل قانلىق پاجىئەسى، شۇنداقلا قەشقەر، خوتەن، كورلا ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقىمۇ شەھەر ۋە يېزىلىرىدا يۈز بەرگەن ھەم بۈگۈنگىچە توختىماي كېلىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ، ئانالىزچىلارنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولماقتا. مەزكۇر قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش بۈگۈنكى كۈندە ئەنئەنىگە ئايلاندى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى مەملىكەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ نۆۋەتتە ئەركىنلىككە، ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشقا قارىتىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنمۇ ھەم ئەتىمۇ بۇ كۈرەشنى توختاتمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

ئالماتادا تەشكىللەنگەن نۆۋەتتىكى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئەنە شۇنىڭ يەنە بىر ئىسپاتىدۇر. پائالىيەت داۋامىدا يۇرت جامائەتچىلىك بىر يەردە جەم بولۇپ، ئازادلىق، ئەركىنلىك ئۈچۈن قازا بولغانلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى. قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن قۇربانجان تۇرغانوف بارىن ۋەقەسى ھەققىدە دوكلات ئوقۇدى. ئاندىن سۆز ئالغان سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ پائالىيىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەھۋال ھەم خىتايدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى ھەم سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

مۇراسىمدا، شۇنداقلا بۇ يىل فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئاياللار يىغىنىغا بارىدىغان ۋەكىللەر سايلاندى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىياسەتشۇناس ق. غوجامبەردى بارىن ۋەقەسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى ھەم ئۇيغۇرلارغا كۆرسەتكەن تەسىرى ھەققىدە توختالدى.