2013.03.29

خىتاي دائىرىلىرى تۈرمىدىكى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى، ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شاۋبونىڭ قېيىنئىنىسى ليۇخۈينى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن رەسمىي قولغا ئالغان. ئەمما ئۇنىڭ تۇغقانلىرى بۇنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ئائىلىسىدىن ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دائىرىلەر ليۇخۈينى 31-يانۋار كۈنى يەنى چاغاننىڭ ھارپىسىدا قولغا ئالغان ۋە ئىككى ھەپتە ئالدىدا ئۇنىڭغا يەر داۋاسىدا ئالدامچىلىق قىلىش جىنايىتى بېكىتكەن. ئەمما ليۇخۈينىڭ ئادۋوكاتى مونىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، بۇ يەر داۋاسى ئاللىقاچان ھەل بولۇپ بولغان بىر داۋا بولۇپ، بۇنىڭغا بىر جىنايەت بېكىتىشنىڭ ھېچقانداق قانۇنىي ئاساسىي يوق ئىكەن. ئۇ بۇنىڭ، ليۇ ئائىلىسى بولۇپمۇ ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇشاغا بېرىلگەن زەربە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۆكتىچىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىمۇ قوشۇپ جازالاش خىتاي ھۆكۈمىتى ئەڭ كۆپ قوللىنىدىغان بىر خىل ئۆچ ئېلىش ۋاسىتىسى. خىتاي دائىرىلىرى بۇنداق ئۇسۇلنى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتچىلىرىگىمۇ قوللانماقتا. ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئوغلى ئالىمجان ئابدۇرېھىممۇ باج قاچۇرۇش جىنايىتى بىلەن سەۋەبسىزلا تۈرمىگە تاشلانغان ئىدى.

خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر ليۇ شاۋبونىڭ ئايالى ليۇشا ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى قاتتىق نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، ليۇشا ئىنىسىنىڭ ئەھۋالى تۈپەيلى بۇ ئاي تۈرمىگە بېرىپ ليۇ شاۋبونى زىيارەت قىلالمىغان. خەۋەرلەردە، ليۇخۈينىڭ قولغا ئېلىنىشى يېقىندا بىر قىسىم خىتاي ئۆكتىچىلەرنىڭ ليۇشانىڭ ئۆيى ئالدىغا قويۇپ قويۇلغان كۆزەتكۈچىلەرنى بۆسۈپ ئۆتۈپ ئۇنى زىيارەت قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ پەرەز قىلىنماقتا.