
«شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقچىلىق» دېگەن كىتاب، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا نەشىر قىلىندى. بۇ كىتابنى ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى تەتقىقات ۋە نەشرىيات بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئامىنە تۇنا خانىم يازغان. بۇ كىتابتا خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقچىلىق سىياستى دەلىل ئىسپات بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
بۇ كىتاب 6 بۆلۈمدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بىرىنچى بۆلۈمىدە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى، جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى، ئىقتىسادى ئەھۋالى، نوپۇسى، دىنى، تىلى ۋە مەدەنىيەت ئۆرۈپ ئادەتلىرى توغرىسىدا توختالغان.
ئىككىنچى بۆلۈمىدە بولسا، ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئۆتمۈشى، ئۇيغۇر دىيارىدا قۇرۇلغان دۆلەتلەر، خىتاينىڭ تۈنجى قېتىملىق ئىشغالىيىتى، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە مانجۇ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىنقىلابلار شۇنداقلا يېقىن زاماندا قۇرۇلغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ۋە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغال قىلغانلىقى توغرىسىدا توختالغان. بۇ بۆلۈمدە يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا 1990 – يىلدىن 2009 – يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا يۈز بەرگەن نامايىش ۋە ئازادلىق ھەرىكەتلەر ۋە باستۇرۇشلار توغرىسىدا توختالغان.
كىتابنىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىدە بولسا تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى دېگەن تېمىدا توختالغان.
تۆتىنچى بۆلۈمىدە، شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلەر توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر تىلى ۋە مائارىپىغا قويۇلغان چەكلىمىلەر، تۇغۇت چەكلەش پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، قىيىن – قىستاق ۋە ئۆلۈم جازاسى، ئىقتىسادى ساھەدە چەتكە قېقىلىش، ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويۇلىشى، دىنى ئېتىقاد ۋە ئىبادەت ئەركىنلىكىگە قويۇلغان چەكلىمىلەر، ئاتوم بومبا سىناق قىلىش ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، كۆچمەن يۆتكەش سىياسەتلەر توغرىسىدا تەپسىلى توختالغان.
كىتابنىڭ بەشىنچى بۆلۈمىدە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلىرى توغرىسىدا توختالغان.
ئالتىنچى بۆلۈمىدە بولسا كىتابنىڭ خۇلاسىسى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن، رابىيە قادىر خانىم، سىيىت تۇمتۈرك، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان، نۇرى تۈركەل قاتارلىق مەسئۇللار بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
كىتابقا يەنە قوشۇمچە قىلىپ خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى توغرىسىدا ئومۇمىي مەلۇماتلار يېزىلغان.
بىز «شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقچىلىق» دېگەن كىتابنىڭ مۇئەللىپى ئامىنە تۇنا خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئامىنە تۇنا خانىم بۇ كىتابنى يېزىشتىكى مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ كىتاب تۈركىيىدە شەرقىي تۈركسىتانغا ئالاقىدار كۈنتەرتىپ يارىتىش، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى مۇھىم نوقتا ھالغا كۈلتۈرۈش، ھەر قانداق ئورۇندا ئېچىلغان يىغىن، مۇراسىم، پائالىيەت ۋە تەشۋىقات ساھەلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈش، تۈركىيىدە شەرقىي تۈركىستانىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنكى ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئىلمىي تەتقىقات مەنبە بارلىققا چىقىرىش ۋە بۇ ھەقتىكى مۇھىم بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ، بۆلۈم ۋە تېمىلار بويىچە تەپسىلى توختالغان بۇ تەتقىقات ئەسەر، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار ۋە تۈنجى بولۇپ تەتقىقات ئېلىپ بارماقچى بولغانلار ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىنى يورۇتۇپ بېرىشتە ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ كىتاب يەنە شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي مەسىلىسى بىلەن يېڭىدىن چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى بولغان ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىئىنەزەردىن تەرەپسىز بىر مەنزىرە سۇنۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.»
ئامىنە تۇناخانىم، ھازىر تۈركىيە كۈنتەرتىپىدە سۈرىيە ۋە پەلەستىن مەسىلىسى بولىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرىسىدا بىر كىتاب نەشىر قىلىش مۇۋاپىق كۆرۈلدى؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «سۈرىيە مەسىلىسى ۋە پەلەستىن مەسىلىسىگە ھەممە كىشى كۆڭۈل بۆلىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈنتەرتىپتە ئەمەس، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان رايونلىرىغا ئالاقىدار خىزمەت – پائالىيەت قىلىدۇ، بۇ كىتاب 2010 – يىلى ئۇيۇشتۇرۇلغان خەلقئارالىق شەرقىي تۈركىستان يىغىنىدىن كېيىن يېزىلىشقا باشلىغان ئىدى، دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلاردا ئوخشىمىغان مەسىلىلەر يۈز بېرىۋاتىدۇ، ئى ھا ھا ئىنسانىي ياردەم ۋەخپى بۇ مەسىلىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىپ ھەر بىر مەسىلىنى نۆۋەت بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىپ كەلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا جايلاردىكى مەسىلىلەرگە ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.»
«شەرقىي تۈركىستاندا ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقچىلىق» دېگەن كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە مۇنداق يېزىلغان: «ئۈرۈمچى، قەشقەر، تۇرپان، غۇلجا قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە تۈركىيە تېلېۋىزىيە فىلىملىرى بەك مەشھۇر، تۈرك يېمەكلىرى ۋە كىيىم ماركىلىرىغا قىزىقىش بەك كۆپ، تۈركىيە ناخشىچىلارنىڭ ناخشىلىرى تاللا بازارلىرىغا ۋە كوچىلارغا كەڭ تارقالغان. ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاساس قىلغان خىتاي سىياسىتى نەتىجىسىدە تۈركىيە سانائەتچىلەر ۋە تىجارەتچىلەر ئۇ رايونغا مەبلەغ سېلىشقا تەشۋىق قىلىندى. قەشقەر، خوتەن، تۇرپان شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ ماڭغاندا، ئىستانبۇل ياكى تۈركىيە دېگەن ھامان ھەممىسىنىڭ يۈزىدە تەبەسسۇم كۆرىسىز، تۈركىيە خەلقى ئارىسىدىمۇ شەرقىي تۈركىستانغا ئالاقىدار كۈچلۈك بىر يېقىنچىلىق بار، تارىخى باغلىنىشلىق مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن دىئاسپورادىكى ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىلىدۇ. تۈركىيىگە پاناھلانغان ئۇيغۇرلار تۈركىيە گراژدانلىقى ئالالايدۇ، ئىگىلىك تىكلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ، دۆلەت ئىدارىلىرىدا خىزمەت قىلالايدۇ، ئاكادېمىك دۇنياسىدىن ئورۇن ئالالايدۇ، تەشكىلات قۇرالايدۇ، تەشۋىقات ساھەسىدە گېزىت – ژۇرنال نەشىر قىلالايدۇ، يىغىن، مۇراسىم ئۇيۇشتۇرالايدۇ، خۇسۇسەن، رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن خىتاي ھەيئەتلىرىگە قارشى جامائەت پىكىرى توپلاش ئۈچۈن نامايىش پائالىيىتى قىلىدۇ. تەشۋىقات ساھەسىنى كۈچەيتىش، ۋەقە ۋە ھادىسىلەر توغرىسىدا توغرا ۋە تىز سۈرئەتتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېھتىياجلىرىدىن بىرى. خىتاي، خەلقئارالىق تېررورچى تەشكىلاتلارغا باغلاپ، دۇنيادا ئېتىبارسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەقلىق بىر داۋا ئىكەنلىكىنى بۇ ئۇسۇلدا ئاڭلىتىشقا بولىدۇ.»