2013.03.16

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ئۆز مىللىي كېمىلىرى بىلەن خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشتۇرۇپ، بۇنى تاراتقۇلاردا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ ۋەكىللەرنىڭ خەلققە ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاينىڭ بۇ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 17 – مارت يەكشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. شەنبە كۈنى مەزكۇر قۇرۇتاي ھەققىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەردە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىدىن چىققان ئاتالمىش ئەمگەك نەمۇنىچىسى رەيھانگۈل ئىمىرنىڭ چىمەن دوپپا ۋە ئەتلەس كۆڭلەك كىيىپ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان سۈرىتى بېرىلدى. خىتاي ئاخباراتلىرىدا ئۇنىڭ ھاياجان ئىلىكىدە قىلغان سۆزلىرى بېسىلدى.

ئەمما، بۇ ھەقتە فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا پىكىر بىلدۈرگەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ ئاتالمىش ۋەكىللەرنىڭ يىغىنغا پەقەت ئۆز شەخسىي مەنپەئىتى ئۈچۈن بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ ئۆز خەلقى ۋە خەلقى يولۇقۇۋاتقان كۈلپەتلەر بىلەن كارى يوق. بەزىلەرنىڭ ياخشى ئىش قىلىش نىيىتى بار بولسىمۇ، ئەمما ئاچچىق رېئاللىق تۈپەيلى بېجىڭدا مەيدانىنى ئىپادىلەشكە ئامالسىز قالىدۇ.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي تەتقىقاتچىسى رېزا ھاسمات خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بولۇۋاتقان قىياپەتكە كىرىۋالغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ سىستېمىسىدىن چىقىرىپ تاشلىنىشى قاتارلىق سىياسەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى نارازى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.