jenwe-yighin4.jpgجەنۋە شەھىرىدە ئېچىلغان «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە قارىتىلىۋاتقان خىرىسلار» ماۋزۇلۇق يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر. 2013-يىلى 13-مارت، شۋېتسارىيە.

د ئۇ ق، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى ۋە دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى تەرىپىدىن بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇلغان «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىكى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە قارىتىلىۋاتقان خىرىسلار» دېگەن تېمىدىكى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بۈگۈن (3-ئاينىڭ 13-كۈنى ) چۈشتىن كېيىن ئۆزىنىڭ بارلىق كۈنتەرتىپلىرىنى تولۇق ئورۇنداپ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.

يىغىنغا 21 دۆلەتتىن جەمئىي 100 ۋەكىل قاتناشتى ۋە 41 پارچە يازما دوكلات ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

يىغىننىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا، دۇنيا خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئۇلرىچ دەلىئۇس ئەپەندىم رىياسەتچىلىك قىلدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىمۇ ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە خانىمنىڭ نۇتقى بىلەن باشلانغان ئىدى، يېپىلىش نۇتقىنىمۇ يەنە رابىيە خانىم سۆزلىدى.

رابىيە خانىم يېپىلىش نۇتقىدا قىسقىچە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى:
«3 كۈندىن بۇيان تەقدىرىمىز بىر-بىرىمىزنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغان مىللەتلەر ئورتاق مەقسەت ۋە غايە ئۈچۈن بۇ يەرگە توپلىنىپ، كوممۇنىست خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئېزىلىۋاتقان خەلقلىرىمىزنىڭ ئازابىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن چارە-تەدبىر ئىزدىدۇق ۋە ئۆزئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش جەھەتتىمۇ ئورتاق پىكىر ھاسىل قىلدۇق، ئورتاق نۇقتىمىزنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكىنىمۇ ھېس قىلدۇق. ھەممىمىزنىڭ كۈرەش نىشانى ئوخشاش، خەلقلىرىمىز خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ھايات-ماماتلىق خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بىز 3 كۈنلۈك ئۆزئارا سۆھبەت ئارقىلىق، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ پەقەتلا بىزنىڭلا دۈشمىنىمىز ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئەركىن دۇنيانىڭ ئورتاق دۈشمىنى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇق، شۇڭا بىز 4 تەرەپ بىر-بىرىمىزگە سەمىمىي بولۇپ، ئەمەلىي ۋە ئۈنۈملۈك چارە-تەدبىرلەرنى تۈزۈپ چىقىپ، خەلقىمىزنىڭ ئۈمىدلەندۈرىدىغان ئەمەلىي قەدەملەرنى بېسىشىمىز لازىم. بىز بۇ 4 تەرەپنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشىمىز ۋە زورايتىشىمىز لازىم. بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ تېزرەك دېموكراتىيىلىشىشى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.»

رابىيە خانىم يەنە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ئالايىتەن ۋاقتىنى چىقىرىپ كەلگەن ۋە يىغىندا قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بەرگەن چەتئەللىك دوستلارغا، خىتاي دېموكراتلىرىغا، تىبەتلىك ۋە موڭغۇل دوستلارغا، شۇنداق يەنە يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چاقىرىلىشىغا مۇھىم ھەسسە قوشقان شۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەندىل ۋە تۇرسۇن باشچىلىقىدىكى قېرىنداشلارغا ئالاھىدە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىمدىن كېيىن، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى نگاۋاڭ چەئوپەل ئەپەندى سۆز قىلىپ، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل خەلقلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنىڭ ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى نامى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ بولسا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق قۇرغۇچىلىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈنگە قەدەر بارلىق پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئاساسى كۈنتەرتىپ قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ئەمما، بۈگۈن 4 تەرەپنىڭ مەخسۇس ھەمكارلىق سىستېمىسى قۇرۇش مەقسىتىدە بۇ يەرگە جەم بولغانلىقىنىڭ بۇندىن كېيىن 4 تەرەپنىڭ داۋاسىنى يەنىمۇ كۈچلەندۈرۈش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن يىغىن تەييارلىق كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم سۆز قىلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چاقىرىلىشىغا كۈچ چىقارغان بارلىق دوستلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى.

ئاخىرىدا رابىيە قادىر خانىم تەرىپىدىن بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چاقىرىلىشىغا ھەسسە قوشقان خادىملار ۋە دوستلارغا ئايرىم-ئايرىم ھالدا د ئۇ ق نامىدىن خاتىرە بۇيۇمى تارقىتىپ بەردى.

يىغىننىڭ ئەڭ ئاخىرىدا، 4 تەرەپ ۋەكىللىرى تەرىپىدىن ئورتاق ھازىرلانغان خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

خىتابنامىدە، 4 تەرەپ خەلقلىرىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن كۈتىدىغان، ئەركىن دۇنيا ئەللىرىدىن كۈتىدىغان ئۈمىد ۋە تەلەپلىرى، شۇنداقلا بۇندىن كېيىن 4 تەرەپ ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇشنىڭ قىسقىچە يول خەرىتىسى، 4 تەرەپ ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ مەقسىتى قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇن ئالغان.