رابىيە قادىر: ئامېرىكىدا يەنىمۇ كۆپ زىيالىيلارنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىدىكى دۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئامېرىكا تۈپ ئىستراتېگىيىسىدە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك؟» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، دۈك ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى رابىيە خانىمنى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان. خانىم ئۇلارنىڭ تەكلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 4-، 5-مارت كۈنلىرى، دۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا زىيارەتتە بولغان.
رابىيە خانىم بۇ نۆۋەتلىك دوكلات بېرىش پائالىيىتى ھەققىدە توختىلىپ: ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئامېرىكىدا قانۇنىي كۈن تەرتىپكە ئەكېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولىدىغان زىيالىيلارنى كۆپەيتىش ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، دېدى.
ئۇ يەنە، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىلىدىغانلار سانىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دوكلات بېرىش پائالىيەتلىرىنى كۆپەيتىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.
جەنۋەدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى دۇچ كېلىدىغان رىقابەتلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە جەنۋەدە چاقىرىلىدىغان يىغىننىڭ بارلىق تەييارلىقى پۈتكەن.
يىغىننىڭ تولۇق نامى «خىتاينىڭ يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى: شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلدىكى كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك دۇچ كېلىدىغان رىقابەتلەر» بولۇپ، يىغىن 11-مارتتىن 13-مارتقىچە جەنۋەدە ئېچىلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، يىغىندا ئاساسلىقى خىتاي يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل رايونلىرىدا بارغانچە ئۇلغىيىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.
يىغىننى خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرىدىكەن.
كورلىدا ئۇيغۇر-خىتاي توقۇنۇشى يۈز بېرىپ، بىر قانچە ئادەم ئۆلگەن ۋە يارىلانغان
پەيشەنبە كۈنى كورلا شەھىرى سايباغ يولىدىكى بىر ئويۇنخانىدا ئۇيغۇرلار بىلەن -خىتايلار توقۇنۇشۇپ قېلىپ، ئاز دېگەندە 4 ئادەم ئۆلگەن ۋە بىر نەچچە ئادەم يارىلانغان. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتلىرى بۈگۈنكى خەۋىرىدە ۋەقەدە 4 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى تەن ئالغان بولسىمۇ، ئۆلگۈچىلەرنىڭ كىملىكىنى ئاشكارىلىمىغان.
ھازىرچە، توقۇنۇشنىڭ سەۋەبى، ئۆلگەن ۋە يارىدارلارنىڭ مىللىتى، قانداق ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلىقى، ئامانلىق ئورگانلارنىڭ توقۇنۇشنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقى يەنىلا بىر سىر.
بەزى كىشىلەر ۋەقەدە ئۆلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بۇ كىشىلەرنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ھالبۇكى، شۇ رايوندىكى ساقچى پونكىتى ۋەقە ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا بىر ئوقۇغۇچى ئۆلگەن
غۇلجىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشتا بىر خىتاي ئوقۇغۇچى ئۆلگەن.
مۇخبىرىمىز يېقىندا قولغا چۈشۈرگەن بىر ھۆكۈمنامىدە ئاشكارىلىنىشىچە، توقۇنۇش بۇلتۇر 5-ئاينىڭ 30-كۈنى غۇلجا شەھىرى دادامتۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بىلەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن.
توقۇنۇش ئاخىرىدا بىر خىتاي ئوقۇغۇچى مەيداندىن قېچىپ ئۆستەڭگە ئۆزىنى ئاتقان، بىرقانچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئۇنىڭ ئارقىسىدىن تاش ئېتىپ قوغلىغان. خىتاي ئوقۇغۇچى سۇ ئۈزۈشنى بىلمىگەچكە سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلگەن.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوپپا كىيىشىنى چەكلىگەن
ئۈرۈمچى شەھەرلىك 23-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىتاي ئەخلاق مۇدىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دوپپا كىيىشىنى چەكلەپ، كۈچلۈك نارازىلىققا ئۇچرىغان.
مەكتەپ مۇدىرى دوپپىسىنى ئېلىۋېتىشنى رەت قىلىپ، چەكلەشكە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى توپلاپ، بۇيرۇققا ئەمەل قىلمىغانلارنىڭ مەكتەپتىن قوغلىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
بەزى ئوقۇغۇچىلار نەق مەيداننى يانفوندا خاتىرىلەپ ئىنتېرنېتقا چىقىرىۋەتكەن. بۇ ۋەقە توردا دەرھال مۇنازىرە قوزغاپ، 23-ئوتتۇرا مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتىگە نارازىلىق كۈچەيگەن. ۋەقەگە ئۈرۈمچى شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئارىلاشقان.
بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، 23-ئوتتۇرا مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ھەرىكىتى نوقۇل باش كىيىم مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى يەنە ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىگە قىلىنغان ھۇجۇم ئىكەن.
ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئورنى تۆۋەنلەۋاتقانلىقى بىلدۈردى
مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ قارىشىچە، خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشى، ئۇيغۇرلار سىياسىي ئورنىنىڭ بارغانچە تۆۋەنلەۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
بۇ نۆۋەتلىك خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن بارلىق ۋەكىللەر ئىچىدە ئۇيغۇر ۋەكىللىرى نىسبىتىنىڭ 30 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.
ئىلھام توختى: بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۇيغۇر ۋەكىللىرى نىسبىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولۇشى، ئۇيغۇرلار ھوقۇقىنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنمايۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ خىل خاھىشقا چوقۇم خاتىمە بېرىلىشى كېرەك، دېدى.