
تۈركىيىدىكى ئوبزورچى سىنان ئۆزدەمىر ئەپەندى «دۇنيا بۈلتەنى» ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان بىر پارچە ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە خانىمنىڭ يېقىنقى فرانسىيە زىيارىتى ھەققىدە فرانسىيە مەتبۇئاتىدا چىققان خەۋەرلەردىن نەقىل ئېلىنىپ باشلانغان.
ماقالىدە فرانسىيىدىكى داڭلىق گېزىتلەردىن «لېمونت» گېزىتىدىن نەقىل ئېلىپ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان خەلقئارا ئۇيغۇر ئاياللىرى يىغىنىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئۈچۈن يېقىندا پارىژغا كەلگەن.
ماقالىدە، رابىيە خانىم بۇ يىغىن ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىگە چېچىلىپ كەتكەن ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە پەرزەنتلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش بىلەن بىرگە، خىتايدا ياشاۋاتقان ۋە چەتكە قېقىلىۋاتقان باشقا مىللەت ئاياللىرىنى جەم قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقى، بۇ يىغىنغا 100 گە يېقىن دۆلەتتىن 130-180 ۋەكىل قاتناشماقچى بولغانلىقى بايان قىلىنغان.
ماقالىدە يەنە، بۇ يىغىننىڭ ئاياللار ۋە بالىلار ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈستىدە بولىدىغانلىقى، لېكىن يىغىن ئۇيۇشتۇرغۇچىلارنىڭ ھازىرچە فرانسىيە يىغىنغا رۇخسەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما فرانسىيە پرېزىدېنتى ھوللەندنىڭ بۇ يىل ئەتىيازدا خىتايدا بولىدىغان زىيارىتىدىن بۇرۇن، يىغىننىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ماقالىنىڭ نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، «لېمونت» گېزىتىدىكى خەۋەردە، رابىيە قادىر د ئۇ ق رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆر دۇنيادىكى ئاۋازى ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ ئۆتكەن يىلى «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» دە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئالمىشىشتىن ئۈمىدلەنگەنلىكى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ ئازىيىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى، لېكىن، شى جىنپىڭ خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى باش سېكرېتارى بولغاندىن تارتىپ، يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە ئۈچ ئۇيغۇرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى ھازىرغىچە ناھايىتى قىيىن ئىكەنلىكى، يېڭى يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچقانداق سەۋەبسىزلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىنى ئاختۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرغانلىقى سەۋەبىدىن، رابىيە خانىمنىڭ شى جىنپىڭغا ئىشەنمەيدىغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخباراتىدىن كەلگەن خەۋەر-ئۇچۇرلارنىڭ يالغانلىقى، ھەقىقىي رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرمىگەنلىكى، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
ئوبزورچى سىنان ئۆزدەمىر ئەپەندى ماقالىسىدە فرانسىيە مەتبۇئاتىدىن يۇقىرىقى نەقىللەرنى ئالغاندىن كېيىن، سۆز تېمىسىنى ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىغا يۆتكىگەن.
ئۇ ماقالىسىدە، «ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئۈچۈن، خىتاينىڭ كۆڭلىنى ئالىدىغان سوۋغىغا ئايلىنىپ قېلىشى» دەك تراگېدىيىلىك مەسىلىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن.
سىنان ئەپەندى سۆزىنى، پاسپورت ۋە ۋىزا مەسىلىسى رابىيە قادىر ئەڭ ياخشى بىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى. خىتاي ۋە ئۇنىڭدىن باشقا خېلى كۆپ دۆلەت رابىيە قادىرنى «قارشى ئېلىنمايدىغان كىشى» دەپ بىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇم ئۇيغۇرلارنى ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرگە كۆچۈشكە مەجبۇرلىماقتا. لېكىن، قانۇنى يوللار بىلەن قوشنا ئەللەرگە چىقىش قىيىن بولغاچقا، ئۇلار «خەلقئارا قانۇن » شەكىللەندۈرگەن ھەق-ھوقۇقلاردىن پايدىلىنىپ قوشنا ئەللەرگە چىقىۋاتىدۇ. لېكىن، بۇ يولمۇ ناھايىتى خەتەرلىك ۋە قىيىن بولۇۋاتىدۇ، دەپ باشلىغان.
ماقالىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك ئەھۋاللارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ زىيىنىغا قاراپ تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقى بايان قىلىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا، خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغاندىن باشقا، تېررورچىلىققا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشنى ئاساس قىلغان خەۋپسىزلىك كېلىشىمىنىڭ بارلىقى؛ بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن، خىتاي تېررورچى دەپ قارىغان كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىشى ناھايىتى قىيىن ئىكەنلىكى؛ ئاسىيادىكى ئامېرىكا، خىتاي مۇناسىۋىتىگە ماس ھالدا، خىتاي بىلەن ئەپ ئۆتۈشكە تىرىشىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى، خەلقئارا قانۇن بەلگىلىگەن سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغۇچىلارنى ھىمايە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى كۆرمەسكە سېلىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشتىن باش تارتمايۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ماقالىدە يەنە، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ قوشنا ئەللەردە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى دۆلەتلەرگە قاتتىق بېسىم قىلىۋاتقانلىقى؛ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا «تېررورچى، رادىكال ئىسلامچى ياكى بۆلگۈنچى» دەپ بوھتان چاپلاپ، تېررورغا قارشى ئورتاق كۈرەش قىلىشى باھانىسى بىلەن بۇ رايوندىكى دۆلەتلەردىن ئۇيغۇرلارغا قارشى ياردەم سوراۋاتقانلىقى؛ خىتاينىڭ پەقەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەللەرگىلا بېسىم قىلىش بىلەن چەكلىنىپلا قالماي، يەنە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى زىچ بولغان ئەللەرگىمۇ ۋاسىتىلىك ھالدا بېسىم قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنىپ، ئۆتكەن يىلىنىڭ بېشىدا، ساختا پاسپورت بىلەن مالايشىياغا كىرگەن ۋە سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئالتە نەپەر ئۇيغۇرنى، 2012-يىلى دېكابىرنىڭ ئاخىرلىرىدا مەخپىي ھالدا خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى ۋە بۇ مەسىلە مالايشىيانىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىد ئوبيېكتىغا ئايلانغانلىقى بايان قىلىپ، مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇننى ئوچۇق شەكىلدە دەپسەندە قىلىپ، 2011-يىلى سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغان 11 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
ماقالىدە، مالايشىياغا ئوخشاش ئاسىيا رايونىدىكى تايلاند، پاكىستان، كامبودژا، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەر پاناھلىق تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشتىن تەپتارتماسلىقتەك قىلمىشى سەۋەبىدىن، د ئۇ ق نىڭ خەلقئارا جامائەتچىلىكنى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قېيىن-قىستاق ۋە مۇئامىلىلەرنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن دۆلەتلەرنى ئەيىبلەشكە چاقىرغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا خىتاينىڭ، 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدە تىنچلىقنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى ۋە ۋەزىيەتتە ياخشىلىنىش بولغانلىقى ھەققىدە بايانات بېرىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئالدىماقچى بولۇۋاتقانلىقى؛ خىتاي دۆلىتىنىڭ قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان يەر تەۋرەشكە چىداملىق قۇرۇلۇش سېلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى يوقىتىشنى مەقسەت قىلىش بىلەن بىرگە، خىتاي مەدەنىيىتىنى ھۆكۈمران ئورۇنغا چىقىرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيىتىنى، كۈلتۈرىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، خىتايغا قايتۇرۇلغان پاناھلىق تەلەپ قىلغۇچىلارنى بوش قويمىغان خىتايدىن، شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا شەپقەت كۈتكىلى بولمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.