rabiye-richmont-yighin-305.jpgۋىرجىنىيە شتاتىنىڭ مەركىزى رىچموند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئورنىدىن دەس تۇرغان بىر مىليارد ئايال» ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارالىق يىغىلىشىغا قاتنىشىپ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدىن مەلۇمات بەرگەن. 2013-يىلى 14-فېۋرال، ئامېرىكا.

ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كارولېينا شتاتىدىكى دۈك (DUKE) ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارادا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردىن بىرى، شۇنداقلا بۇ ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن نۇرغۇن تەتقىقات پروگراممىلىرى يولغا قويۇلغان.

دۈك ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى ئامېرىكىنىڭ تۈپ ئىستراتېگىيىسى تەتقىقات پروگراممىسى ھەر ساھەدىكى مۇھىم ئەربابلارنى مەخسۇس لېكسىيىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارنىڭ پىكرىنى ئېلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدىكى مەزكۇر تەتقىقات پروگراممىسىدىن باشقا، كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات مەركىزى، ئاسىيا قىتئەسى تىنچلىق پروگراممىسى، كارولېينا شتاتلىق ئاسىيا تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاھىدە تەكلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 4-ۋە 5-مارت كۈنلىرى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر دۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئامېرىكا تۈپ ئىستراتېگىيىسىدە نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك؟» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى.

بۈگۈن، پائالىيەتلىرى داۋامىدا ۋاقىت چىقىرىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رابىيە قادىر خانىم، دۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا قاتناشقان پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلغايسىلەر.