
پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئىسلامابادتىكى خىتاي ئەلچىخانسى بۇ يىل ئەلچىخانە تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۆپ مېھمان چاقىرىپ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزگەن. پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان.
پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگە پاكىستان پرېزىدېنتى باشچىلىقىدىكى بىر تۈركۈم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى قاتناشقان. ئۇندىن باشقا ئۇيغۇر مۇھاجىرلاردىن رىزاخان باشچىلىقىدا راۋالپىندى، ئىسلاماباد، گىلگىت قاتارلىق شەھەرلەردىن كەلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار زىياپەتكە ئىشتىراك قىلغان. خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناخشا – ئۇسۇل ئۆمىكىدىكى ئۇيغۇر ناخشىچى غالىپجان غوپۇر، ئۇسۇلچى قىزلار، ئۇيغۇر ئېلىدىكى سېرىك ئۆمىكىدىن غەيرەت ئىسىملىك سېرىك ماھىرى تەكلىپ قىلىنىپ، بۇ زىياپەتتە نۇمۇر كۆرسەتكەن. باش ئەلچى خىتاي رىزاخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنى ئالاھىدە تىلغا ئېنىپ، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە ئەمىلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا مەدھىيە ئوقۇغان ۋە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسىنى، روھىنى مەڭگۈ جارى قىلدۇرۇشىغا تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي ئەلچىخانىسى رىزاخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار بىرلەشمىسىگە يۈز مىڭ سوم خىتاي پۇلى بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن.
خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ باھار بايرىمىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلار «پاكىستان ئۇيغۇر مۇھاجىرلار جەمئىيىتى» تەرىپىدىن سىياسىي سالاھىيەت جەھەتتىن قاتتىق تەكشۈرۈلگەن، بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب، بۇندىن ئۈچ يىل ئىلگىرىكى ئۆتكۈزۈلگەن باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىدە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئەلچىخانە ئىچىدە ئۇسۇلغا چۈشۈپ،«ئۇيغۇرلار ياشىسۇن! رابىيە قادىر ياشىسۇن!» دېگەندەك شۇئارلارنى توۋلاپ ئۇسۇل ئوينىغانلىقى ئۈچۈن، پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانسى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار خىزمىتىگە مەسئۇ ل قىلغان رىزاخان بۇنىڭدىن قاتتىق ئاچچىقلانغان، شۇندىن ئىتىبارەن خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ زىياپىتىگە قاتنىشىدىغان ئۇيغۇرلارنى سىياسىي جەھەتتىن قاتتىق تەكشۈرەيدىغان بولغان. پاكىستان راۋالپىندىدىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ قۇرغۇچىسى ئۆمەر ئەپەندى بۇ ھەقتە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
ئىلگىرى خىتاي ئەلچىخانسىدىكى زىياپەتكە قاتناشقان، ئىسىمنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئۇيغۇر قېرىندىشىمىز، ئۆزىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئەلچىخانە ئىچىدە مىللىي مەسىلە ھەققىدە سۆزلىگەنلىكى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ پارىڭىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن پاكىستاندىكى مۇھاجىرلار جەمئىيىتى ئۇنى «بىزنىڭ چىشىمىزغا تەگدىڭ» دەپ، شۇندىن ئىتىبارەن بۇنداق زىياپەتكە تەكلىپ قىلمىغان. بۇ ھەقتە بۇ قېرىندىشىمىز ئۆز كەچۈرمىشىنى قىسقىچە بايان قىلدى.
پاكىستاندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن قۇرۇلغان باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇق ئوتتۇرىغىچە بولغان ئون يىللىق مائارىپ تۈزۈمدىكى مەكتەپتە ئىككى يۈزگە يېقىن ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇيدىغانلىقىنى، مەكتەپ قۇرۇلۇشتىن ئاۋۋال ئۇيغۇر تىلىدىنمۇ دەرس ئۆتۈلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپتە پەقەتلا ئوردۇچە، ئېنگلىزچە تىللاردا دەرس ئۆتۈلۈپ، بۇ يىلدىن باشلاپ خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈلۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەرلەرنىڭ بارلىقىنى، مەكتەپكە بېرىلگەن كومپيۇتېر قاتارلىق ئوقۇتۇش بۇيۇملىرىنىڭ ھەممىسى، مەكتەپكە بېرىلمەستىن رىزاخاننىڭ مۈلكىگە ئايلانغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان يۇقىرىقى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان قېرىندىشىمىز ئۆزىنىڭ ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى.
ئۇندىن باشقا 2 – ئاينىڭ 26 – كۈنى رىزاخاننىڭ تەشكىللىشىدە ئوتتۇز نەپەر ئۇيغۇر ئىسلامئابادتىكى خىتاي ئەلچىخانىسغا يېڭىدىن تەيىنلەنگەن باش ئەلچىنى كۈتۈۋېلىش زىياپىتىگىمۇ ئىشتراك قىلغان. بۇ ھەقتە ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر ئەپەندى قىسىقىچە ئۇچۇر بېرىپ ئۆتتى.