rabiye-amnesty-xadimliri-bilen-bille-305.pngسۈرەتتە رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئەزالىرى بىلەن بىللە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ 19 – چېسلا فرانسىيىدە باشلانغان پائالىيىتى بۈگۈن ئاياغلاشتى.

رابىيە قادىر خانىم بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 180 شۆبىسى بولغان خەلقئارالىق ئاياللارغا ياردەم قىلىش تەشكىلاتى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھۇقۇق بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلاردىن باشقا فرانسىيىلىك سىياسەتچى، ئۇيغۇرشۇناس ۋە مۇخبىرلار بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئاخشام خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ رابىيە قادىر خانىمنى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە لېكسىيە سۆزلەشكە دەۋەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا رابىيە قادىر خانىم ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر خەلقئارالىق ئاياللارغا ياردەم قىلىش تەشكىلاتى مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشتى. تەشكىلات مەسئۇللىرى ئۇيغۇر ئاياللىرى دۇچار بولۇۋاتقان ۋەزىيەتنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ۋە ئۇيغۇر ئاياللىرىغا ماددى ۋە مەنىۋىي دەستەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بىز بۇ ئۇچرىشىشلار ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن رابىيە قادىر خانىمنى تېلېفوندا زىيارەت قىلدۇق.