رابىيە قادىر خانىمنىڭ فرانسىيىدىكى پائالىيىتى ئاخىرلاشتى
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ فرانسىيىدىكى پائالىيىتى 22-فېۋرال ئاياغلاشتى.
رابىيە قادىر خانىم ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خەلقئارالىق ئاياللارغا ياردەم بېرىش تەشكىلاتى، خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق بىرلەشمىسى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچراشقان.
ئۇلار يەنە، فرانسىيىلىك سىياسەتچى، ئۇيغۇرشۇناس ۋە مۇخبىرلار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن. رابىيە قادىر خانىم ۋە سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىلەر يەنە فرانسىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى بىلەنمۇ كۆرۈشكەن. رابىيە خانىم 19-فېۋرال فرانسىيە زىيارىتىنى باشلىغان ئىدى.
«ئۇيغۇربىز» ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلدى
«ئۇيغۇربىز» تور بېكىتى «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۇيغۇر ئانا تىلنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى قوغداشقا چاقىردى.
«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ بۇ چاقىرىقى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «قوش تىللىق مائارىپ» نىڭ ئومۇملىشىشى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر كۈچەيگەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.
«ئۇيغۇربىز» تور بېكىتى مۇراجىئەتنامىسىدە بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئانا تىلغا كۆڭۈل بۆلۈپ، ئانا تىلنى قانداق قوغداش ھەققىدە باش قاتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
ئامېرىكا خادىمى: ئادىل نۇرى يوقاپ كەتمىدى
پالاۋدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن خەۋەردار بىر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خادىمى ئادىل نۇرىنىڭ يوقاپ كەتمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
«مىئامى خەۋەرچىسى» گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە نەقىل قىلىشىچە، نام-شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ھۆكۈمەت خادىمى ئادىل نۇرى ھەققىدە توختىلىپ: ئۇ يوقاپ كەتمىدى. ئۇنىڭ قەتئىي ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغىنى يوق، دېدى.
ئامېرىكا 2009-يىلى گۋەنتانامودىكى 6 ئۇيغۇرنى پالاۋ جۇمھۇرىيىتىگە ۋاقىتلىق يەرلەشتۈرگەن. ئۆتكەن ھەپتە بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئادىل نۇرىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى باياناتىدا ئادىل نۇرىنىڭ يوقاپ كېتىش مەسىلىگە پىكىر بىلدۈرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
ئادىل نۇرىنىڭ نۆۋەتتە تۈركىيىدە ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
دېھقان: چىداملىق ئۆيلەرگە تېخى كىرمەي تۇرۇپ، ئەمىن ئۆيگە تۇتۇلدۇق
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئاتالمىش «ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» ئۇيغۇر دېھقانلارغا قۇلايسىزلىق ۋە ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلغان.
«ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى» 2010-يىلى باشلانغان. گەرچە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ بىر قىسىم چىقىمىنى ھۆكۈمەت ئۈستىگە ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، قۇرۇلۇش چىقىمى ئىنتايىن يۇقىرى بولغاچقا، ھەقىقىي ياردەمگە موھتاجلار يەنىلا ئۆي سېلىشقا قادىر بولالمىغان.
پەيزاۋاتتىكى بىرى دېھقان: بۇ پۇل بىزگە تەگمەيدۇ. بۇ سىياسەتنىڭ بىزگە پايدىسى يوق، دېدى. ئۇ يەنە ئىلگىرى يولغا قويۇلغان «يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي قۇرۇلۇشى» دىمۇ يولى بارلارنىڭ پايدا ئالغانلىقى، ھەقىقىي يوقسۇللارنىڭ نەپ ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بېرلىن كىنو فېستىۋالىدا قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئوپېراتور مۇكاپاتقا ئېرىشتى
قازاقىستانلىق ئۇيغۇر ئوپېراتور فىلىمگە ئالغان قازاق فىلىمى يېقىندا گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن «ئاق ئېيىق» خەلقئارا فېستىۋالىدا «ئەڭ ياخشى ئوپېراتور» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
400 گە يېقىن فىلىم قاتناشتۇرۇلغان بۇ فېستىۋالغا قازاقىستان فىلىمى-«ئاھاڭداشلىق ساۋاقلىرى» مۇ قويۇلغان ئىدى.
باھالىغۇچىلار مەزكۇر فىلىمنىڭ ئوپېراتورى ئەزىز جانباقىيېفنىڭ بەدىئىي تالانتىغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭغا «كۈمۈش ئېيىق» مۇكاپاتىنى بەرگەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ بىر ئۇيغۇر ئوپېراتورنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق كىنو فېستىۋالىدا يۇقىرى باھاغا ئېرىشىشى ئىكەن.
مىللىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلغان ئۇيغۇر ياش ئېتىپ تاشلاندى
ئۈرۈمچى ئاققوۋۇق يەر ئاستى بازىرىدا مىللىي ئەخلاقنى تەشەببۇس قىلغان ئۇيغۇر ياش ئېتىپ تاشلانغان.
رادىئومىزغا بۇ ھەقتە كەلگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ۋەقە 21-فېۋرال چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەر ئەتراپىدا يۈز بەرگەن.
شۇ كۈنى 20 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر ئۇيغۇر يىگىت ئاياللار كىيىمى ئېلىۋاتقان ئۇيغۇر قىز-ئاياللارغا مىللىي ئەخلاققا ئۇيغۇن كىيىم كىيىشنى تەۋسىيە قىلغاچ ۋەز ئېيتقان. بۇ جەرياندا ئۇنى توسۇشقا ئۇرۇنغان ئىككى كىشى يارىدار بولغان. نەتىجىدە خىتاي ساقچىلىرى بازارغا باستۇرۇپ كىرىپ، يىگىتنى ئوققا تۇتقان. ئۇ، ئوڭ كۆزىگە ئوق تېگىپ نەق مەيداندا جان ئۈزگەن. ساقچىلار يىگىتنىڭ جەسىتىنى سۈرەتكە تارتقاندىن كېيىن، ئېلىپ كەتكەن.