رابىيە قادىر خانىم «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» نى تەكشۈرۈپ غۇلجىغا بارغان ئەھۋاللار ھەققىدە توختالدى

«5‏-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 16 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئەينى چاغدا غۇلجىدا كۆرگەنلىرىنى بايان قىلدى.

ئەينى چاغدا خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى سالاھىيىتىدىكى رابىيە خانىم 7-فېۋرال غۇلجىغا يېتىپ بارغان ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن مەخپىي كۆرۈشۈش، ئەھۋال ئىگىلەش، مەخپىي تارتىلغان سىن لېنتىلىرىنى توپلاش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.

رابىيە خانىم باستۇرۇش جەريانى خاتىرىلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىملەرنى تەسۋىرلەپ: ئۇيغۇرلارنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، تىنچ نامايىش قىلغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ قانداق ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، دېدى.

رابىيە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ غۇلجىدا مەخپىي قولغا چۈشۈرگەن ھۆججەتلىك ماتېرىياللارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تاپشۇرۇپ بەرگەن.

«5‏-فېۋرال ۋەقەسى» دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە خاتىرىلەندى

«5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 16-يىللىق خاتىرە كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ نارازىلىق نامايىشى قىلدى.

نامايىشقا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزى يىپەكچىلىك قىلدى.

رابىيە خانىم نامايىشچىلارنى «5-فېۋرال ۋەقەسى» دە قازا قىلغان ئۇيغۇرلارنى ئەسلەپ تۇرۇشقا ۋە ئۇلارنىڭ روھىدىن ئۆگىنىشكە چاقىردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار «5‏-فېۋرال ۋەقەسى» نى ۋاشىنگتون شەھىرىدىلا خاتىرىلەپ قالماستىن، سان فىرانسىسكو شەھىرىدىمۇ خاتىرىلىدى. ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار 5-فېۋرال سان فىرانسىسكو شەھەردە تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى.

بۇ خىلدىكى نامايىش ۋە خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ياۋروپانىڭ بارلىق ئەللىرى، ئاۋسترالىيە، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلارمۇ يىغىلىش ۋە نەزىر-چىراغلارنى ئۆتكۈزۈپ غۇلجا ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارنى ئەسلەشتى.

خىتاي ئىلھام توختىنىڭ ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەتقىقات قىلىشىغا يول قويمىدى

خىتاي دائىرىلىرى 2-فېۋرال ئامېرىكىغا سەپەر قىلىش ئالدىدىكى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ قىزىنى بېيجىڭ ئايرودرومىدا توسۇۋالدى ۋە 10 سائەتتىن ئارتۇق ئايرودرومدا تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۆيىگە قايتۇرۇۋەتتى.

ئىلھام توختى ئەپەندى ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىغا تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭ ئايرودرومىدا توسۇپ قېلىنىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. د ئۇ ق خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى توسۇۋالغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

دائىرىلەر ئىلھام توختىنى تۇتۇپ قالغان بولسىمۇ، كېيىن ئۇنىڭ قىزىنىڭ چېگرادىن چىقىشىغا يول قويدى. ئۇنىڭ قىزى نۆۋەتتە ئامېرىكىغا تىنچ-ئامان كېلىپ، يەرلەشتى.

بىزگە كەلگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا سەپىرىدىن توسۇپ قېلىنغان ئىلھام توختى نۆۋەتتە ئۆز ئۆيىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان.

ئۇيغۇر دېھقانلار ھاشاردىن قۇتۇلمىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ھاشار تۈزۈمىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەممە يەرلىكتىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىمىز بۇنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلىماقتا.

خوتەندىن ئىگىلىشىمىزچە، دېھقانلار ھەر يىلى نەچچە ئون كۈنلەپ مەجبۇرىي بىكارلىق ئەمگەككە سېلىنىدىكەن.

بەزى جايلاردا دېھقانلار بىۋاسىتە ھاشارغا تۇتۇلمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلاردىن «يىللىق ھاشار پۇلى» دەپ ھەق ئالىدىغان، شەكلى ئۆزگەرگەن ھاشارلار ئېغىر دەرىجىدە داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ئۇيغۇرلار بىكارغا ئىشلەيدىغان ھاشار مەيدانلىرىدا ئىشلەيدىغان خىتاي ئىشچىلارغا ئۇيغۇرلاردىن يىغىلغان «ھاشار پۇلى» ئىش ھەققى قىلىپ بېرىلىدىكەن.

ھوقۇق تەشكىلاتلىرى مالايشىيادىن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى تەنقىد قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 3‏-يانۋاردىكى باياناتىغا قارىغاندا، مالايشىيا دائىرىلىرى ب د ت دىن پاناھلىق تەلەپ قىلغان 6 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆتكەن يىلى 12‏-ئاينىڭ 31‏-كۈنى خىتايغا مەخپىي قايتۇرۇپ بەرگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى مالايشىيانىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشنى دەرھال توختىتىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، مالايشىيا ھۆكۈمىتىگە خەت يېزىپ، «كۇئالا لۇمپۇرنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى خەلقئارا قانۇنغا قىلىنغان زور بۇزغۇنچىلىق» دەپ كۆرسەتكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى مالايشىيانىڭ مەزكۇر ۋەقەدىكى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە، خىتاينى مۇساپىرلارنىڭ دېرىكى بېرىشكە قىستاشقا چاقىردى.

بىر دادا: مىللىي كىملىكىنى پەرزەنتلىرىمگە مىراس قالدۇرۇش بۇرچۇمدۇر

گوللاندىيىدىكى ئۇيغۇر جامائىتى «ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى» نىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنى ئانا تىل ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى بويىچە تەربىيىلەشكە باشلىدى.

كۇرس 2-فېۋرال باشلاندى. كۇرستا ئانا تىل، ئەخلاق ۋە دىنىي بىلىملەردىن ساۋاق بېرىلدى. ئاتا-ئانىلار شۇنداق بىر كۇرسنىڭ ئېچىلغانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.