مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.02.06
2013.02.06

«5-فېۋرال ۋەقەسى» يۈز بەرگەندە ھازىرقى ئۇيغۇر ھەرىكىتى رەھبىرى، د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ دائىمىي ھەيئىتىلىك سالاھىيىتى بىلەن غۇلجىغا بېرىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئۇ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ چېكىدىن ئاشقان كۈچ قوللىنىپ، ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىنى باستۇرغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ ۋەقە رابىيە قادىر خانىم بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتىدىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالىدۇ.
رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر ۋەقەنىڭ 16 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ غۇلجىدىكى تەكشۈرۈشى، خىتاي يەرلىك ۋە مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ پوزىتسىيىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالدى.