2013.02.05

شەھەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى مەھەللىلەردىن بولۇپ كۆپلىگەن ئادەم قاتناشقان مەزكۇر پائالىيەتتە ئالدى بىلەن غۇلجا ۋەقەسىدە قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلدى.
ھۈسەن ھەسەنوف غۇلجا ۋەقەسى ھەققىدىكى دوكلاتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، سۆزگە چىققان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ئالاھىدە ۋەكىلى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى غۇلجا ياشلار نامايىشىنىڭ ئەھمىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ لىدىرى رابىيە قادىرنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى، ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتايدىكى ئىچكى ۋەزىيەت ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى. ئۇ شۇنداقلا قازاقىستاندىكى مىللىي سىياسەتنىڭ، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ مەملىكەت خەلقىگە يوللىغان «قازاقىستان 2050» يىللىق خېتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
خاتىرە يىغىنىدا سۆزگە چىققۇچىلار غۇلجا ياشلىرىنىڭ تىنچلىق نامايىشىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى، بىرلىك، ئىتتىپاقلىق ھەققىدە ئۆز پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مىللىي ھەرىكەت ئاكتىپلىرىدىن بىرى ھاكىمجان ئازنىباقىيېف مۇراسىم ھەققىدە قاراشلىرىنى بىلدۈردى.