ئۈرۈمچىدە مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشى خىتاي بويىچە ئەڭ ئالدىدا
سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە مال باھاسى خىتاي بويىچە ئەڭ يۇقىرى نىسبەتتە ئۆرلىگەن بولۇپ، بۇ كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا قىيىنچىلىقلارنى تۇغدۇرغان.
رابىيە قادىر سودا سارىيى ئەتراپىدىكى مەلۇم ئۇيغۇر ئاشخانىسى خوجايىنى گۆش باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكتىن سودىسىغا ئېغىر تەسىر يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە ئاددىي تۇرمۇش چىقىمىنى قامداش ئۈچۈن ئېيىغا ئەڭ ئاز دېگەندە 5 مىڭ سوم كېتىدىكەن. كۆپىنچەيلەننىڭ ھالى بۇنىڭغا يار بەرمەيدىكەن.
ئۇيغۇر دىيارىدا ئىسلامى يوسۇندا كىيىم تىكىش چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئاياللارنىڭ ئىسلامى يوسۇندا كىيىنىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىيىم تىكىش دۇكانلىرىغا «10 غا يول قويماسلىق ۋەدىنامىسى» يازدۇرغان.
بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋەدىنامىدە «ھىجاپ تۈسىدىكى كىيىملەرنى تىكىپ سېتىشقا يول قويماسلىق، چۈمبەل ئارتقان ۋە ساقال قويغانلارنى ياللاپ ئىشلەتمەسلىك» قاتارلىق مەزمۇنلارمۇ بار ئىكەن.
ئاقسۇنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدىكى بىر كىيىم تىككۈچى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ رۇخسىتىسىز دىنىي يوسۇندىكى كىيىم بۇيرۇتمىلىرىنى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دوكتور ئەسەت سۇلايمان: تارىخى ساۋاقلارنى يەكۈنلەش ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسىغا پايدىلىق
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سابىق پروفېسسورى دوكتور ئەسەت سۇلايمان «ئېلى سۇلتانلىقى» دىن ئالغان تارىخى ساۋاقلارنى يەكۈنلەشنىڭ ئۇيغۇر مىللىي دەۋاسى ئۈچۈن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ، بۇ سۆزلەرنى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىدا سۆزلىگەن لېكسىيىدە ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەسئەت سۇلايماننىڭ بىلدۈرۈشىچە، «ئېلى سۇلتانلىقى» ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك ئاخىرلاشقان ھاكىمىيەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، 7 يىل ئىچىدە 5 قېتىم پادىشاھ ئالماشقان ئىكەن.
شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى شۋېتسىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تارىخى بىلىملىرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ھەر ئايدا بىر قېتىم لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ كەلمەكتە.
«ئۇيغۇرسوفت» شىركىتى تور بېتى تاقىلىپ قالغان
بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، «ئۇيغۇرسوفت» شىركىتى تور بېتى تاقىلىپ، 19-يانۋاردىن باشلاپ ئېچىلمىغان.
بەزى گۇمانلارغا قارىغاندا، «ئۇيغۇرسوفت» مۇنبىرىدە يېڭى نەشر قىلىنغان «قۇرئانى كەرىم» ھەققىدە مۇنازىرىلەر ئۆتكۈزۈلگەن ۋە «قۇرئانى كەرىم» نىڭ يېڭى نەشرىدە سادىر بولغان بەزى مەسىلىلەر تەنقىد قىلىنغان بولغاچقا، «ئۇيغۇرسوفت» تور بېتى تاقىلىپ قالغان بولۇشى مۇمكىن.
شىركەت تورىنىڭ تېخنىكىلىق سەۋەبلەر تۈپەيلى تاقىلىپ قالغانلىقى ۋە ياكى سىياسىي سەۋەبلەر بىلەن تاقاپ قويۇلغانلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ ھەيئەت گۇرۇپپىسى قايتا تەشكىللەندى
2013-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەھبەرلىك ھەيئىتى قايتا سايلاپ چىقىلدى.
بېلەت تاشلاش نەتىجىسىدە، ئەسەر ساكا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ۋەخپى رەئىسلىكىگە، ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى مۇئاۋىن رەئىسلىككە سايلاندى.
يىغىنغا 21 قۇرغۇچى ئەزادىن 11 كىشى قاتناشتى، بەش قۇرغۇچى ئەزا ۋاكالەت خېتى ئەۋەتتى.
شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى تۈركىيىدە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىدىن بىرىدۇر.
ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۇيغۇر غايىبلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
24-يانۋار ياۋروپا پارلامېنتىدا دۇنيا بويىچە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار مەسىلىسى ھەققىدە ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇر غايىبلار مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىندا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ئۇيغۇر غايىبلار ھەققىدە ئومۇمىي مەلۇمات بەردى.
يىغىندا غايىبلاردىن ئاساسلىق ئىماممەت ئېلى، ئالىم روزى ۋە نەبىجان ئېلى قاتارلىق 3 نەپەر غايىبنىڭ ئەھۋالى تەپسىلىي سۈرەتلىك تونۇشتۇرۇلغاندىن باشقا، غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ئۇچراۋاتقان زۇلۇملار ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىلدى.
يىغىننى ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىلەن ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان.