2013.01.23

بۇنىڭ ئىچىدە بولۇپمۇ ئاھالىلەر ئىستېمال قىلىدىغان گۆش تۈرىدىكى يېمەكلىك ۋە كۆكتاتلارنىڭ باھاسى ئەڭ يۇقىرى ئۆرلىگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا 7.7% ئۆسكەن. ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىدە خىتاي كۆچمەن نوپۇسىنىڭ ئېشىشى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك گۆش مەھسۇلاتلىرىنىڭ خىتايغا ئېكسپورت قىلىنىشى شۇنداقلا كۆكتات ۋە باشقا پىششىقلانغان يېمەك ھەم تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىڭ قىممەت باھادا خىتايدىن كېلىۋاتقانلىقىدەك سەۋەبلەر مال باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان ئىكەن. ئۇلار يەنە كۆپ ساندىكى يەرلىك خەلق نۆۋەتتىكى كىرىم ئەھۋالىدا، ئۈرۈمچىنىڭ ئادەتتىكى ئىستېمال سەۋىيىسىنى ۋە نورمال تۇرمۇش چىقىمىنىمۇ كۆتۈرەلمەيۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلدى.
2012-يىلى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش دەرىجىسى خىتايدىكى 36 چوڭ-كىچىك شەھەرلەرنىڭ ئىچىدە داليەن شەھىرى بىلەن تەڭ ئورۇندا 1-بولغان.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيىسى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىك تۈرىنىڭ باھاسى ئوخشاش نىسبەتتىكىگە قارىغاندا 7.7% ئاشقان بولۇپ، كۆكتات، گۆش ۋە ئۆي قۇشلىرى مەھسۇلاتلىرى ۋە قۇرۇق، ھۆل مېۋە قاتارلىق يېمەكلىك تۈرىدىكىلەرنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان.
بىز ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مال باھا سەۋىيىسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقان ئامىللار ۋە بۇنىڭ شەھەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆرسىتىۋاتقان تەسىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن تېلېفون زىيارەتلىرى ئېلىپ باردۇق، ئۈرۈمچى رابىيە قادىر سودا سارىيى ئەتراپىدىكى قايناق بازاردىكى مەلۇم ئۇيغۇر ئاشخانىسىنىڭ خوجايىنى، بولۇپمۇ قوي ۋە كالا گۆشى باھاسى يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكتىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشخانا سودىسىغىمۇ ئېغىر تەسىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنداقتا، قوي ۋە كالا گۆشلىرىنىڭ باھاسىنى ئۆرلەتكەن سەۋەب نېمە ؟ بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئۇيغۇر خوجايىن «گۆشنىڭ ھەممىسى ئىچكىرى خىتايغا كېتىپ بارسا….» دەيدۇ.
ئۈرۈمچى ئاھالىلىرىدىن ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىستېمال سەۋىيىسىنى كۆتۈرۈپ نورمال تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاز دېگەندە ئايلىق كىرىمى 5 مىڭ سوم ياكى ئۇنىڭدىن ئۈستۈن بولۇشى كېرەك ئىكەن. ھالبۇكى، يەرلىك خەلقنىڭ 60% تىدىن كۆپرەكىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى تېخى بۇنىڭغا يەتمەيدىكەن. ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم رېستوراندا، باشقا يۇرتتىن كېلىپ مۇلازىملىق قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر، ئايلىق مائاشىنىڭ پەقەتلا يېتىشمەيۋاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچىدە ھەممىلا نەرسىنىڭ باھاسىنىڭ ئۆرلەۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئادەمنىڭ كۆپىيىشى ئاساسلىق سەۋەب دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بەش ئالتە يىل ئىلگىرى سەنشىدىن ئۈرۈمچىگە ئىش ئىزدەپ كېلىپ تۇرۇپ قالغان، نۆۋەتتە جەنۇبىي قۇۋۇقتىكى 24 سائەتلىك كۈندىلىك بۇيۇم دۇكىنىدا ساتقۇچىلىق قىلىۋاتقان بىر كۆچمەن خىتاي، ئۈرۈمچىدە مال باھاسىنىڭ ئادەتتىكى كىشىلەر قوبۇل قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئۆرلەپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ «ئىلگىرى مەن كەلگەندە بىر تەخسە لەڭمەن 6 يۈەن ئىدى، ھازىر 20 يۈەنگە چىقتى» دەپ شىكايەت قىلدى.
ئۈرۈمچى نوپۇس تورىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۈرۈمچىنىڭ 2011-يىل ئاخىرىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىدا، ئۈرۈمچى شەھەر نوپۇسىنىڭ 3مىليون 120مىڭدىن ئاشقانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ،2000-يىلىدىكى نوپۇس ستاتىستىكىسىدا ئۈرۈمچى نوپۇسىنىڭ ئىككى مىليون 80 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن ئىدى. يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئۈرۈمچى نوپۇسىغا 1مىليون 30 مىڭ نوپۇس قېتىلغان. ئۈرۈمچى ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 74.9% ئىنى خىتاي نوپۇسى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەركىزى بولغان ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىگىلەيدىغان نوپۇسى بولسا 25.1%.
خىتاي نوپۇسىنىڭ شىددەت بىلەن ئېشىشى مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىدىن باشقا، قاتناش قىستاڭچىلىقى، مۇھىت بۇلغىنىش، سۇ يېتىشمەسلىك، جەمئىيەت مۇقىمسىزلىقى مەسىلىلىرىگە سەۋەب بولۇۋاتقان بولۇپ، يەرلىك خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا ئىقتىسادىي تەرەپتىنمۇ ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.