رابىيە خانىم كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مەركىزى ئامېرىكىنىڭ ۋىرجىنىيە شتاتى رىچموند شەھىرىدىكى «ئەركىنلىك بىرىنچى» ناملىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك ئورگىنىنىڭ 2013-يىللىق «خەلقئارا ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
رابىيە قادىر خانىم 16-يانۋار ئاخشىمى رىچموند شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا مۇكاپاتنى تاپشۇرۇۋالدى. مۇكاپات رابىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇر دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى قوغداش ۋە ئالغا سۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىگە بېرىلگەن.
مەزكۇر مۇكاپات رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە يەنە، ۋىليام-مەررىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى تايلۇر رېۋىلې، كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى تەشكىلاتىنىڭ خادىمى تاد ستانكې قاتارلىق كىشىلەرگە بېرىلدى.
«بۆرىلەر ۋادىسى-تۇزاق» ئۇيغۇر ئېلىدە چەكلەندى
ئۇيغۇر تورچىلىق ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى تۈركىيىلىك ئاتاقلىق ئارتىس نېجاتى شاشماز باش رول ئالغان «بۆرىلەر ۋادىسى-تۇزاق» ناملىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنى چەكلەپ، ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە قويۇلماس قىلىپ قويغان.
د ئۇ ق نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، چەكلىمە تور بەتلىرى بىلەن چەكلىنىپ قالمىغان. دائىرىلەر يەنە مەزكۇر فىلىمنى كۆچۈرۈپ تارقىتىش، كۆرۈش ۋە سېتىشنى مەنئى قىلىپ، قەشقەر شەھىرى ۋە يېڭى سار ناھىيىسىدە 16 كىشىنى مەزكۇر فىلىم سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلغان.
مەزكۇر فىلىم ئۇيغۇر تور بەتلىرىدىكى ئۇلانمىلاردىن ئېچىلمىدى. ئۇيغۇر تورچىلىق ساھەسىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر كىشىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، «بۆرىلەر ۋادىسى-تۇزاق» خىتاينىڭ يۇكو، سىنا قاتارلىق ئاساسلىق مۇلازىمەت تور بېكەتلىرى تەرىپىدىن يۇيۇۋېتىلگەن.
سامىيۈزى يېزىسىدا مەسچىتكە كىرگەن ئىككى ئوقۇغۇچى جازالاندى
خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ غۇلجا ناھىيە سامىيۈزى يېزىلىق كومىتېتى مەسچىتكە كىرىپ ناماز ئوقۇغان ئىككى ئوقۇغۇچىنى جازالىغان.
مەزكۇر ۋەقە بۇلتۇر 7-ئايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، يېزىلىق كومىتېت ئومۇميۈزلۈك مەسچىت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، 13-كەنتىدىكى بىر مەسچىتتە ناماز ئوقۇۋاتقان ئىككى نەپەر ئوقۇغۇچىنى بايقاپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن يېزىلىق پارتكوم مەخسۇس ھۆججەت چۈشۈرۈپ، بۇ ئىككى ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تەنقىد قىلغان.
مەسچىتنىڭ ئىمامى، مەسچىت مۇتىۋەللى ھەيئىتىنىڭ باشلىقى، مەسچىتكە مەسئۇل يېزا كادىرى ۋە بىرلىكسەپ خادىمى بولۇپ، جەمئىي 4 كىشىگە جەرىمانە قويغان. ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ غۇلجا تەۋەسىدە ئىپتىدائىي ۋە زورلۇق ۋاسىتىلىرىنى قوللىنىپ، نورمال دىنىي ئېتىقادنى چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئەركىنلىك سارىيى: ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئېغىر بېسىم داۋاملاشماقتا
ئەركىنلىك سارىيى 2012-يىلدىكى دۇنيا دېموكراتىيىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتى مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان بېسىمنىڭ يەنىلا ئېغىر ھالەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئەركىنلىك سارىيىدىكى ئاسىيا ئىشلىرى تەنقىدچىسى سارا كۇك ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: 2009-يىلىدىكى نامايىشتا تۇتۇپ كېتىلگەن، ياكى يوقاپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ ھازىرغىچە سانى ئېلان قىلىنمىدى. ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئېلان قىلغان دوكلاتلاردا نامايىشتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ۋە ھازىرغىچە تۈرمىدە يېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىلمىدى.
ئەركىنلىك سارىيىنىڭ دوكلاتىدا 2012-يىلدىكى دۇنيا دېموكراتىيە ۋەزىيىتى باھالاپ چىقىلىپ، خىتايدىكى دېموكراتىيە دەرىجىسىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
قىلىچدار ئوغلۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ رەئىسى كامال قىلىچدار ئوغلۇ پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن ۋە پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى قوبۇل قىلغان.
ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دېگەن: بىز مىڭ يىل بۇرۇن بۇ تۇپراقلارنى تاشلاپ، ئاناتولىيىگە يەنى بۈگۈنكى تۈركىيىگە كۆچۈپ كەتكەنىدۇق. سىلەر بولسا بۇ ۋەتەندە قېلىپ، دۆلىتىڭلارنىڭ مىللەت بايلىقىغا تۆھپە قوشۇپ، چوڭ بىر دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەڭ مۇھىم تۆھپە قوشتۇڭلار، ھېلىھەم تۆھپە قوشۇۋاتىسىلەر. تۈركىيە بىلەن ئۇيغۇر دىيارى ئارىسىدىكى مۇساپە 4300 كىلومېتىر كېلىدۇ. لېكىن ئىككى رايون ئارىسىدىكى خەلق ئورتاق تارىخ، ئورتاق كۈلتۈر ۋە ئورتاق قىممەت قارىشىغا ئىگە. بىز دەل مۇشۇ دوستلۇقنىڭ ئىلگىرىلىشىگە تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە ھۇزۇرۇڭلارغا قەدەم قويدۇق.
ئۈرۈمچى قىلىچدار ئوغلۇنىڭ 6 كۈنلۈك خىتاي زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى.
گوللاندىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشقا قارشى تۇردى
گوللاندىيە يېشىللار پارتىيىسى بىلەن ئىشچىلار پارتىيىسى پارلامېنت ئەزالىرى بىرلىشىپ، ئۇيغۇر سىياسىي ئىلتىجاچىلىرىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشىغا قارشى تۇرغان.
ئۇلار گوللاندىيە پارلامېنتىنىڭ بىر قېتىملىق يىغىنىدا ھۆكۈمەتنىڭ ياردەمچى ئەدلىيە-بىخەتەرلىك مىنىستىرىدىن ئۇيغۇر سىياسىي ئىلتىجاچىلىرىنى قايتۇرۇش پىلانى ھەققىدە سوئال سورىغان. ئۇلار ھۆكۈمەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر ئۇيغۇرلار خىتايغا قايتۇرۇلسا، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى، ئىلگىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىقىنى، ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش لاگېرلىرىغا سولانغانلىقىنى، بۇ ئەھۋالنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گوللاندىيە كۆچمەنلەر دائىرىلىرى بىر ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي ئىلتىجاسىنى رەت قىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇشنى بۇيرۇغان بولسىمۇ، بىراق سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ قايتۇرۇلۇشىنى توختىتىپ قويغان.