10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى خاتىرىلەندى

10-دېكابىر خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار يىغىلىش ۋە نامايىشلارنى ئۇيۇشتۇرۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسەتلىرىنى ئەيىبلىدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ميۇنخېن شەھىرىدە نامايىش ئۇيۇشتۇردى، ۋانكۇۋېردا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىلدى.

10-دېكابىر يەنە تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پاش قىلدى.

لوندوندا ئۇيغۇر ۋە خىتايلار بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىدە ئۇيغۇر سەنئەتكار رەھىمە خانىم قاتارلىقلار ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «قەلەم سۇندى» ۋە نۇرمەمەت ياسىننىڭ «نۇزۇگۇم چاقىرغاي» ناملىق شېئىرلىرىنى ئىنگلىزچە دېكلاماتسىيە قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار تەشكىلاتلىرىغا چاپلاشقا ئۇرۇنغان بەتناملار مۇناسىۋىتى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىك ئارزۇسىنى تېررورلۇق بىلەن بېسىپ تۈگىتەلمەيدۇ، دەپ خىتاب قىلدى.

«يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشى دېھقانلارغا ھاشار بولدى

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان ئاتالمىش «يولنى راۋانلاشتۇرۇپ، خەلقنى بېيىتىش» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلارنى ھاشارغا تۇتۇش بەدىلىگە پۈتىۋاتقانلىقى مەلۇم.

قاغىلىق ناھىيىسى بۇ خىل قۇرۇلۇشلار جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ناھىيىلەردىن بىرى. رادىئويىمىزنىڭ قاغىلىق ناھىيىسى تۆگىچى يېزىسىدىن ئىگىلىشىچە، دېھقانلار يول ياساش قۇرۇلۇشىغا مەجبۇرىي ھەيدەلگەن ۋە ھەقسىز ئىشلەشكە تۇتۇلغان.

ھەتتا يەرلىك كادىرلارمۇ ھاشارنىڭ يەنە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، يولغا بېرىلگەن مەبلەغلەرنىڭ نەگە كېتىدىغانلىقىنىمۇ ئۇققىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

قېرىنداشلىرى يوقاپ كەتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۈرۈمچىدىن كېتىشكە مەجبۇرلانغان

«5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن يوقاپ كەتكەن قېرىنداشلىرىنىڭ دېرىكىنى قىلغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈرۈمچىدىن كېتىشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ يىل 6-ئاينىڭ 6-كۈنى 40 ياشلىق ئانا تۇقىز نۇراخمەت 3 بالىسى بىلەن ئىجارىگە ئولتۇرۇۋاتقان ئۆيىدىن قوغلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنىڭ تەقدىرداشلىرىدىن قۇربانگۈل، سۇدىخان قاتارلىق ئانىلارمۇ ئۈرۈمچىدىن كېتىشكە زورلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يۇقىرىقى ئانىلار 2009-يىلدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن غايىب بولۇپ كەتكەن تاۋابىئاتلىرىنى ئىزدىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلارغا ئۆي ئىجارىگە بەرگەنلەر ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان ئىكەن.

تۇقىزنىڭ ئېرى مۇختەر مەخەت «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن قولغا ئېلىنىپ ھازىرغىچە ئۆيدىكىلەرگە قايتۇرۇلمىغان. دائىرىلەر تۇقىزغا ئېرىنىڭ ئۇچۇرىنى بېرىشنىڭ ئورنىغا ئۇنىڭغا تۈرلۈك بېسىم ۋە تەھدىتلەرنى ئىشلەتكەن.

تۇرپاندىكى ئوت ئۇيغۇر تىجارەتچىلەرگە زور زىيان سالدى

تۇرپان شەھەر مەركىزىدىكى «يېڭى تەرەققىيات سودا بازىرى» غا بۇ يىل 9‏-ئاينىڭ ئاخىرلىرى يېرىم كېچىدە تۇيۇقسىز ئوت كېتىپ، سودا بازىرى ۋەيران بولغان.

3 قەۋەتلىك بازاردىكى بارلىق دۇكان ۋە ماللار پۈتۈنلەي كۆيۈپ كۈل بوپ كەتكەن.

بۇ تۇرپان شەھىرىدىكى ئەڭ چوڭ سودا مەركىزى بولۇپ، بازاردىكى دۇكاندارلارنىڭ ئاز دېگەندە 70% نى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئىگىلەيدىكەن. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئاۋۋال مەزكۇر سودا بازىرىغا بىر قېتىم ئوت كېتىپ رېمونت قىلىنغان ئىدى. لېكىن بۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى يەرلىك ئاھالىلەردە ھەر خىل گۇمانلارنى پەيدا قىلغان.

مالايشىيادىن قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» ئارتىلغان

بۇلتۇر مالايشىيادىن قايتۇرۇلغان 11 ئۇيغۇرغا «دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش جىنايىتى» ئارتىلىپ، ئوخشىمىغان قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكى مەلۇم. ئەمما، جازالانغۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە دوستلىرى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۇلارنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مالايشىيا دائىرىلىرى 2011-يىلى 18-ئاۋغۇست مەزكۇر دۆلەتتە ئوقۇش ۋە باشقا ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان 16 ئۇيغۇرنى تۇتۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 11 نەپىرىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى.

خىتايغا قايتۇرۇلغانلارنىڭ ئىچىدە قۇربانجان سىراجىدىنمۇ بار ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى قۇربانجان ئۈستىدىن بۇ يىل 7-ئايدا سوت ئېچىپ، «دۆلەتنى پارچىلىماقچى بولغانلارغا ياردەم قىلىپ، دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان» دېگەن جىنايەت بىلەن 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان.

قۇربانجاننىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ ناھەقچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى.

12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى خاتىرىلەندى

12-ئاينىڭ 12-كۈنى 1985-يىلىدىكى «12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» گە ساق 27 يىل توشقان خاتىرە كۈنىدۇر.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى نۇرمۇھەممەت مۇساباي 1985-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئوقۇغۇچىلار نامايىشىغا باشتىن ئاخىرى قاتناشقان ھەمدە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە ئىشتىراك قىلغان شاھىتلارنىڭ بىرى.

ئۇ: مەزكۇر ھەرىكەت يىمىرىلمەس ئۇيغۇر مىللىي روھىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ھەرىكەت، دەپ كۆرسەتتى.

نۇرمۇھەممەت مۇساباي ئەپەندى ئەينى چاغدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەرنىڭ 1991-يىلدىكى بارىن ئىنقىلابى، 1997-يىلدىكى «5-فېۋرال ۋەقەسى» قاتارلىقلاردا قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.