خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈرك مىنىستىرلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ بەزى تەلەپلىرىنى يەتكۈزگەندىن سىرت، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.11.20

mustafa-demir-uyghur-heyiti-305.jpgد ئۇ ق ھەيئىتى سابىق مىنىستىر پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەمىر(ئوڭدىن ئىككىنچى) ئەپەندى بىلەن كۆرۈشتى. 2012-يىلى 20-نويابىر، تۈركىيە.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت 20-نويابىر كۈنى ئەتىگەندىن كەچكىچە تۈركىيە پارلامېنتىدا باش مىنىستىر مۇئاۋىنى بۈلەنت ئارىنچ، ئەدلىيە مىنىستىرى سادۇللاھ ئەرگىل، ياشلار ۋە تەنتەربىيە مىنىستىرى سۇئات قىلىچ، سابىق مىنىستىر پارلامېنت ئەزاسى مۇستافا دەمىر، مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسى مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن رۇھسار دېمىرەل، فارۇق بال، رېشات دوغرۇ ۋە ئاتىللا قايا ئەپەندىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئىلتىماس سۇندى ۋە مىنىستىرلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى.

د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈرك مىنىستىرلارغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئىلتىماس سۇندى ۋە مىنىستىرلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. 2012-يىلى 20-نويابىر، تۈركىيە.
د ئۇ ق ھەيئىتى تۈركىيە پارلامېنتىدا تۈرك مىنىستىرلارغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ سالامىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە ئىلتىماس سۇندى ۋە مىنىستىرلارنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. 2012-يىلى 20-نويابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

 

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ۋە د ئۇ ق مۇھاجىرلار كومىتېتى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەردىن بېرى، تۈركىيىدە ئولتۇرۇم رۇخسىتى ئېلىش، تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتۈش ۋە تۈركىيىگە ۋىزا ئېلىشنىڭ قېيىن بولۇشى ئىكەن.

بىز بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە مۇھاجىرلار كومىتېتى باشلىقى خەيرۇللاھ ئەپەندىلەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.