2012.11.15

مۇخبىر: ئالدى بىلەن ئۆزىڭىزنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسىڭىز.
جاۋاب: مەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاخبارات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىلى 35 يىل بولدى. 1977-يىلى بىريۇسېل شەھىرىدە «ھۈررىيەت» گېزىتىنىڭ شۆبىسىنى قۇردۇم. 12 يىل ئىشخانا مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدىم. 1989-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانماستا «ھۈررىيەت» گېزىتىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى موسكۋا شۆبىسىدە مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىدىم. گورباچېۋ تەختتىن چۈشۈپ يېلسسىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلدى. مەن بۇلارغا شاھىت بولدۇم. 1992-يىلى پارىژدا «ھۈررىيەت» گېزىتىنىڭ شۆبىسىنى قۇردۇم. 1992-يىلىدىن تاكى بۈگۈنگىچە «ھۈررىيەت» گېزىتىنىڭ پارىژدىكى شۆبىسىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كېلىۋاتىمەن.
سوئال: سىز شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نۇرغۇنلىغان خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدىڭىز. ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشىڭىز قانداق پەيدا بولغان؟
جاۋاب: مەن خەلقئارا خەۋەرلەرگە مەسئۇل مۇخبىر. دۇنيا مىقياسىدا نۇرغۇن پرېزىدېنتلارنى زىيارەت قىلدىم. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھەتتا گورباچېۋ، بورىس يەلتسىن، شىراك قاتارلىقلار بار. فرانسىيە دۆلەت باشلىقى بىلەن بىرلىكتە 48 دۆلەتتە زىيارەتتە بولدۇم. بۇلار ھەققىدىكى خەۋەرلىرىم ھەممىسى «ھۈررىيەت» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى. توكيودا بۇ ھەقتىكى رەسىملىرىمنى سىزلەرگىمۇ كۆرسەتكەن ئىدىم. فرانسىيىدىكى بەزى گېزىت ژۇرناللارنىڭ ياردىمىدە15 يىلدىن بۇيان خىتايدىكى بېسىم سىياسىتى بىلەن تونۇشۇپ كەلدىم. بولۇپمۇ، رابىيە قادىر خانىم خىتاي تۈرمىسىدىن چىقىپ چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، خەلقئارالىق بىر كىشىگە ئايلاندى. دۇنيا مىقياسىدا شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر ئىسىملىرىنى تىلغا ئالغىنىمىزدا كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ سېيماسى شەكىللىنىشىكە باشلىدى. مەسىلەن، فرانسىيىدە بىرىدىن ئۇيغۇرلارنى سورىغىنىڭىزدا دەرھاللا رابىيە قادىر خانىمنى ئېغىزغا ئالىدۇ. شەرقىي تۈركىستانغا بولغان قىزىقىشىم مانا مۇشۇنداق باشلانغان بولدى.
سوئال: رابىيە قادىر خانىم بىلەن قانداق كۆرۈشتىڭىز؟
جاۋاب: شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ دۇنياغا تونۇلۇشىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ تۆھپىسى تولىمۇ زور. بۇ تۈپەيلى، خۇددى باشقا دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنى زىيارەت قىلغىنىمغا ئوخشاش رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلدىم. چۈنكى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارادىكى ۋەكىلى ۋە ئۇلارنىڭ رەھبىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن بىر تۈرك بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ قېرىندىشى ھېسابلىنىمەن. شۇنىڭ بىلەن تېزدىن ئالاقە باغلاپ، ئاخىرى رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشۈش شەرىپىگە نائىل بولدۇم. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مېنى توكيودىكى تۆتىنچى نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىغا تەكلىپ قىلدى. «ھۈررىيەت» گېزىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىش ئۈچۈن توكيودا رابىيە قادىر خانىمنى مەخسۇس زىيارەت قىلدىم. رابىيە قادىر خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىز تولىمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى. بىر تۈرك بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلاپ، بەدەنلىرىم تىكەنلىشىپ يۈرىكىم ئېزىلدى. ئۇ تۇيغۇنى ھازىرمۇ ئەسلىيەلەيمەن. تۈركىيىدىن سۆز ئاچقىنىمدا رابىيە خانىم كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىدى. چۈنكى، ئۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا پارلامېنت يىغىنلىرىغا قاتناشتى. ئەمما ھازىرغىچە ۋىزا ئالالمىغانلىقتىن تۈركىيىگە پۇت دەسسىيەلمىدى. رابىيە قادىر خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئاۋازى بىلەن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى دۇنياغا ئاڭلىتالىغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن.
سوئال: مۇھەممەر ئەلۋەرەن ئەپەندى ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە قانچىلىك خەۋەر ئېلان قىلدىڭىز؟
جاۋاب: مېنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىم ۋە قىزىقىشىم رابىيە قادىر خانىم بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، يېڭى بىر يۆنىلىشكە قاراپ يۈزلەندى. چۈنكى، مەن ھەقىقىي ئەھۋالنى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۆز ئېغزى بىلەن ئاڭلىدىم. تۈركىيىدىن سىيىت تۈمتۈرك، گېرمانىيىدىن دولقۇن ئەيسالاردىن مەلۇمات ئىگىلىدىم ۋە ئۇ خەۋەرلەرنى گېزىتتە ئېلان قىلىشقا تىرىشتىم. ماڭا ئەڭ ھار كەلگىنى، تۈركىيىدە «ئۇيغۇر ئاياللىرى يىغىنى» ئېچىلدى. بۇ يىغىننىڭ مەيلى تۈركىيىگە بولسۇن مەيلى دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرگە بولسۇن قىلچىلىك زىيىنى يوق. بۇ پەقەتلا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنىدىغان بىر ئادەتتىكى يىغىن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى رابىيە قادىر خانىمنى ھەتتا مۇشۇ يىغىنغىمۇ قاتناشتۇرمىدى. بۇ ھەقتىكى خەۋىرىممۇ «ھۈررىيەت» گېزىتىدە ئېلان قىلغان. تۈركىيىدە دۆلەت ئورگانلىرىدىن خەۋەر ئىگىلەش تولىمۇ قىيىن، مەن بىر ئاماللار بىلەن ئاخبارات ئىگىلەپ بۇ خەۋەرنى ئېلان قىلدىم. ھازىرغىچە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە ئېلان قىلغان خەۋەرلىرىم خېلى بار.
سوئال: مۇھەممەر ئەلۋەرەن ئەپەندى سىز سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدىمۇ مۇخبىرلىق قىلغانىكەنسىز. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىن، دۇنيادىكى نۇرغۇن مىللەتلەر ئەركىنلىككە ئېرىشتى. ئالدىنقى ھەپتىدىكى بىر خەۋەردە، كۇبا خەلقىگە ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكى بېرىلىپتۇ. ئۇلار خالىغاندا چەتئەلگە چىقالايدىكەن. ئەمما ئۇيغۇرلار بۈگۈن چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن كەم دېگەندە سەككىز ئىدارىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىسا بولمايدۇ. سىزچە ئۇيغۇرلارغىمۇ ئىنساندەك ياشايدىغان ئەركىنلىك پۇرسىتى كېلەمدۇ؟
جاۋاب: مەن بۇنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ خالىسا ئەركىنلىك كېلىدۇ. ئەمما قىيىن. چۈنكى خىتاينىڭ بېسىمى ھەقىقەتەن ئېغىر. خىتاي دۈم كۆمتۈرۈلگەن داشقازانغا ئوخشايدۇ. خىتاي خەلقى خالىغان يەرگە بارالايدۇ، ئەپسۇس ئۇيغۇرلارنىڭ بېرىشى ئاجايىپ مۈشكۈل. ئەمما شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، بۈگۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلاندى. مەيلى ب د ت دا بولسۇن مەيلى ياۋروپا پارلامېنتلىرىدا بولسۇن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى كۈن تەرتىپتە. كۈنلەرنىڭ بىرىدە تۈركىيە پارلامېنتىدىمۇ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كۈن تەرتىپكە كېلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن. دۇنيا دۆلەتلىرى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە باشلىدى. بۇ بېسىم كۈچەيگەنسېرى ئاللاھ خالىسا ئۇ بېسىملارمۇ ئازىيىپ قېلىشى مۇمكىن.