2012.11.14
مۇكاپاتنى ۋىرگىنىيە شتاتى رىچموند شەھىرىگە جايلاشقان «بىرىنچى ئەركىنلىك مەركىزى» تارقاتقان بولۇپ، مۇكاپات رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە قوشقان تۆھپىلىرىگە بېرىلگەن.
بۇ يىللىق مۇكاپات رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرلىكتە يەنە ۋىليام ۋە مەرىي ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى تايلور رېۋېلي ھەمدە «كىشىلىك ھوقۇق بىرىنچى» تەشكىلاتىدىكى تاد ستانكې قاتارلىق كىشىلەرگە بېرىلدى.
«خەلقئارالىق ئەركىنلىك مۇكاپاتى» ھەر يىلى 16 – ئىيۇل ۋىرگىنىيە شتاتىدا خاتىرىلىنىدىغان «دىنىي ئەركىنلىك كۈنى» نى مۇناسىۋىتى بىلەن يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدۇ.
رابىيە قادىر خانىم ئىلگىرى نورۋېگىيىنىڭ «رافتو كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن ۋە بىر نەچچە قېتىم «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئىدى.