2012.11.12
يۇرت-جامائەتچىلىك ۋە ياشلار ئۇيۇشتۇرغان مەزكۇر پائالىيەتكە 300 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قىرىقتىن ئوشۇق سابىق مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دەۋرىدە ھەر خىل ساھەلەر بويىچە خىزمەت قىلغانلار، ئۇيغۇر، قازاق، تاتار زىيالىيلىرى، خانىم-قىزلار ۋە كۆپ ساندا ياشلار بولدى.
ئازادلىق يولىدا قۇربان بولغانلارغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلغاندىن كېيىن، ئاتاقلىق ژۇرنالىست يادىكار سابىتوف شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىش ۋە بەربات بولۇش سەۋەبلىرى ھەققىدە دوكلات ئوقۇدى. ئاندىن كېيىن سۆز ئالغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى مىللىي-ئازادلىق ئۇرۇشى قاتناشقۇچىلىرىنى تەبرىكلەپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا خىتايدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ھەققىدە مەلۇمات بەردى. بۇنىڭدىن تاشقىرى مۇراسىمدا سۆزگە چىققان تاتار خەلقىنىڭ ۋەكىلى، تارىخچى-ئالىم مۇنىر يېرزىن، قازاق خەلقىنىڭ ۋەكىلى، پروفېسسور ئابېن نۇرمانوف، تۇڭگان خەلقىنىڭ ۋەكىلى، سابىق مىللىي ئارمىيە ئوفىتسېرى ئىۋرايىم ياۋاخۇنوف ۋە باشقىلار ئازادلىق، ئەركىنلىك، بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق نىشانلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
مۇراسىم ئاخىرىدا مىللىي ئىنقىلاب قاتناشقۇچىلىرى ھەم شۇنداقلا ئالاھىدە ئاكتىپلىق كۆرسەتكەن بىر قاتار كىشىلەر باھالىق سوۋغىلار بىلەن تەقدىرلەندى.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سابىق مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاتلىق پولك جەڭچىسى تۇرسۇن ئەلىيېف ۋە قىرغىزىستان ۋەكىلى، «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ باش مۇھەررىرى ئەكبەرجان باۋۇدونوف مۇراسىم ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.