11 – ئاينىڭ 10 – كۈنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 7 – نۆۋەتلىك سايلىمى، پايتەخت ۋاشىنگتون شەھىرى يېنىدىكى ۋىرگىنىيە ئىجتىمائىي ئالىي تېخنىكومىنىڭ ئېرنىست مەدەنىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ قېتىمقى سايلام 1933 – يىلى ۋە 1944 – يىللىرى 12 – نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ خاتىرە كۈنىگە توغرىلاپ ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەت خاتىرىلىنىش بىلەن باشلانغان مۇراسىم چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىن ئىككى بۆلەككە بۆلۈپ ئۆتكۈزۈلدى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەم باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار سۆز قىلدى.

قۇرۇلتاي مۇراسىملىرى قاتارىدا يەنە ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ خىزمەت نەتىجىلىرى بايان قىلىنىپ، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر تونۇشتۇرۇلدى ۋە يەكۈنلەندى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمئىيىتى، ئۇيغۇر كىشىلىك لايىھىسى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى ھەمدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىلغان خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سىياسىي داۋاسىنى خەلقارا جەمئىيەتكە تونۇشتۇرۇشتا شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى ۋە باشقا مەسىلىلەر بويىچە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بولۇپمۇ، ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتىنىڭ خادىملىرىنىڭ بۇ جەھەتلەردە كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ نۇتۇقىدىن كېيىن، سايلام پائالىيىتى رەسمىي باشلىنىپ، سايلام كومىتېتى سايلام ئېلىپ بېرىش ۋەزىپىسى بويىچە ئىشقا كىرىشتى ھەمدە مەزكۇر كومىتېتنىڭ نازارىتى ئاستىدا پرېزىدېنت نامزاتلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىلماقچى بولغان پىلانلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئىككى نەپەر پرېزىدېنت نامزاتى، يەنى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئالىم سېيىتوف بىلەن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قەيسەر سىيىت ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ پىلانلىرىنى تونۇشتۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ئىدارە ھەيئىتىگە سايلىنىدىغان 7 نەپەر نامزات قىسقىچە ئۆزىنى ۋە ئۆز مەقسەتلىرىنى تونۇشتۇردى.

ئاخىرىدا سايلام رەسمىي باشلىنىپ، 90 دىن ئارتۇق ئۆزىنى تىزىملاتقان ئادەمنىڭ ئەركىن بېلەت تاشلىشى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ پرېزىدېنتى ۋە ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىلدى.

نەتىجىدە ئالىم سېيىتوف قايتىدىن پرېزىدېنتلىققا سايلاندى. باشقا 6 كىشى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى ئىدارە ھەيئىتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى. بۇ كۈنى كالىفورنىيىدىمۇ پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، بېلەت تاشلاندى.

كۆپچىلىكنىڭ بىردەك قول كۆتۈرۈپ، ئاۋاز بېرىشى بىلەن رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ پەخرىي رەئىسلىكىگە سايلاندى.

ئاخىرىدا ئالىم سېيىتوف قىسقىچە نۇتۇق سۆزلەپ، ئۆزىنىڭ چوقۇم تىرىشىپ، ئۆزىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىنى ئورۇندايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پۈتۈن سايلام پائالىيىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يېڭىدىن سايلانغان بىرلەشمە رەئىسى ۋە ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى ھەمدە سايلام كومىتېت ئەزالىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش قەسەميادى قىلدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ 7 – قېتىملىق قۇرۇلتىيى غەلىبىلىك ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ غەلىبىلىكى ئېچىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.