رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت دەلىل-ئىسپاتلىق دوكلاتى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى توكيودىكى ئىسلام مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارغا يەتكۈزۈلگەن ئىدى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2012.11.09

watikan-bulma-rebiye-murajetname-305.jpg(سولدىن ئوڭغا) پروفېسسور بولما، ۋاتىكاننىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى جوسەف ۋە كائورى خانىم ۋاتىكان ئەلچىخانىسىدا. 2012-يىلى 7-نويابىر، توكيو.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلقئارادىكى دىنىي جەمئىيەتلەرگە، ئادالەتپەرۋەر، تىنچلىقپەرۋەر تەشكىلاتلارغا يوللىغان، جازا مۇددىتى توشقان مۇددەرىس كېرەم ئابدۇۋەلىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشمەستىن، ئەكسىچە جازا مۇددىتى قوشۇلۇۋاتقانلىقى، خرىستىئان دىنىي مۇرىتى ئالىمجان ھىمىتنىڭ دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش جىنايىتىدىن ئىبارەت تۆھمەت بىلەن تۈرمىگە 15 يىللىق قامالغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرئان ئوقۇغان ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى قاتتىق باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت دەلىل-ئىسپاتلىق دوكلاتى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى توكيودىكى ئىسلام مەركىزىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللارغا يەتكۈزۈلگەن ئىدى.

پروفېسسور بولما ۋە كائورى خانىم توكيو ئىسلام مەركىزىدە. 2012-يىلى 7-نويابىر، توكيو.
پروفېسسور بولما ۋە كائورى خانىم توكيو ئىسلام مەركىزىدە. 2012-يىلى 7-نويابىر، توكيو.
RFA/Qutluq

 

11-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت ئون يېرىمدا توكيودىكى ۋاتىكاننىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق باش ئەلچىسى جوسەف ئەپەندى، كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېرمانىيىلىك بولما ئەپەندى بىلەن كائورى خانىم باشچىلىقىدىكى « خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرىنى ئەلچىخانىسىدا قوبۇل قىلغان ۋە پروفېسسور بولما ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش ئەھۋالى ۋە تۈرمىلەردە يېتىۋاتقان ساناقسىز ئىسلام دىنىي، خرىستىئان دىنىي ۋە باشقا دىندىكى مەھبۇسلارنىڭ قاتتىق تۈرمە ئازابى چېكىۋاتقانلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەن. باش ئەلچى جوسەف ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ دەپسەندە قىلىنىش مەسىلىسىدە، خەلقئارادىكى دىنىي جەمئىيەتلەرنىڭ بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ سۈكۈت قىلىپ تۇرماسلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قوشىدىغانلىقىنى ۋە رابىيە قادىر خانىمنىڭ مۇراجىئەتنامىسىنى رىم پاپىسىغا يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپرەك مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ قېتىمقى سۆھبەتكە قاتناشقان كاگوشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى بولما ئەپەندى، كائورى خانىملار بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پروفېسسور بولما ئەپەندى مۇنداق دېدى:
‏-خىتايدىكى بۇددا دىنىي، ئىسلام دىنىي، خرىستىئان دىنىي قاتارلىق دىنلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە خەتەرلىك ئەمەس، ئەكسىچە خىتاينىڭ خاتا سىياسىتى بۇ دىنلار ئۈچۈن خەتەرلىك بولۇۋاتىدۇ. مەن رابىيە قادىر خانىمنىڭ، ئۇيغۇرلار ئىسلام، خرىستىئان مۇرىتلىرىنى تۈرمىلەردە چېكىۋاتقان ئازابلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇراجىئەتنامىسىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تولىمۇ ئېچىندىم ۋە دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى ئىسلام، خرىستىئان، كاتولىك دىنىي ئورگانلىرىنى، ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنى دەرھال ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ياردەمدە بولۇش ئۈچۈن، توكيودىكى ئىسلام مەركىزى ۋە ۋاتىكاننىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق ۋەكىلى يەنى باش ئەلچى جوسەف ئەپەندى بىلەن بۇ توغرىسىدا تەپسىلىي سۆزلەشتىم. ئەلۋەتتە بىزنىڭ جىددىي ھەرىكەت قىلىشىمىز، ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشىشتىن ئىبارەت.

يەنە سۆھبەتكە قاتناشقان ۋەكىللەردىن كائورى خانىم ئۆز قاراشلىرىنى مۇنداق بايان قىلدى:
‏-مەن 2009-يىلىدىن بۇيان رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپمۇ، دىنىي ئېتىقادىنىڭ قاتتىق دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن. بىز بۇ قېتىم ۋاتىكاننىڭ ئەلچىخانىسىدا باش ئەلچى بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە تەپسىلىي سۆزلەشتۇق، بولۇپمۇ تۈرمىدىكى دىنىي مۇرىتلار مەسىلىسى ھەققىدە يەنى ئۇلارنى تېزرەك ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە بىر قاتار سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردۇق.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆزىنىڭ مۇراجىئەتنامىسى توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.